سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر كارخانىسى 540 قا يەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-21

    بۇ يىل 2-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر كارخانىلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۈنۈملۈك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر كارخانىلىرى سانى تۇنجى قېتىم 500 دىن ئاشتى، شۇنداقلا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر كارخانىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى پۈتۈنلەي قاپلىدى.

    مۇخبىرنىڭ 19-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر كارخانىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، 274 كارخانا ئىلتىماس قىلىشقا يوللانغان، بۇ بۇلتۇرقى ئىلتىماستىن %54 ئاشقان. كارخانىلارنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ كارخانىلار ئىككى تۈركۈمدە پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ بېكىتىشىگە تاپشۇرۇلغان.

    يېقىندا، دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ «مەشئەل» يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات مەركىزى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 136 كارخانىسىنى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر كارخانىسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىشنى تەستىقلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل جەمئىي 207 كارخانا بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2009-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر كارخانىلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر كارخانىلىرى سانى تۇنجى قېتىم 500 دىن ئېشىپ، 540 قا يەتكەن.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرو رايونى مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ مەركىزى (پەن-تىخنىكا مەركىزى) قۇرۇلۇشىنى تېزلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا يەنە بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر كارخانىلىرى سانىنى 1000 دىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368429831