سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ تۆمۈريولى 420 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇشنى مۆلچەرلىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-21

    2018-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىشقا ئاز قالدى، تۆمۈريول سىستېمىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساياھەتچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىش بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئوقپويىز كۆپەيتىش، ياردەمچى پويىز كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن توشۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىدىكەن.

    مۇخبىرنىڭ 19-دېكابىر جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى توشۇش خىزمىتى 29-دېكابىردىن 2018-يىلى 1-يانۋارغىچە بولۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى 420 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇشنى مۆلچەرلىگەن، 30-دېكابىر سىرتقا چىقىدىغانلار ئەڭ كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    مۇخبىرنىڭ «12306» تورىدىن ئىگىلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئۈرۈمچىدىن خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان قىسمەن پويىزلارنىڭ قاتتىق كارىۋات بېلىتى سېتىلىپ بولغاندىن سىرت، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىغا قاتنايدىغان باشقا پويىز بېلەتلىرى يېتەرلىك ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368429751