سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەربىركىشىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرىمىز

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-21

    ‹‹جۇڭگو يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى كۆڭۈللەرنى خاتىرجەم قىلدى...››، ‹‹ئادىل مائارىپ ھەقىقەتەن ياخشى، شەھەر – يېزىلار ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. نەدىلا ئوقۇسا ئوخشاش، بالىلار شەھەرگە قاترىمىسىمۇ بولىدۇ...››، بۇ، پىچان ناھىيەلىك كىروران ناخشا – ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكى قانات يايدۇرغان ‹‹يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرايلى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرەيلى›› تېمىسىدىكى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى نەق مەيدانىدىكى كۆرۈنۈش. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان بۇنداق سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا (بازار)، كەنتلەردە قانات يايدۇرۇلدى، پائالىيەت قەيەردە ئۆتكۈزۈلسە، شۇ جايدا ناخشا ۋە كۈلكە ساداسى ياڭرىدى. سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدىكى مول مەزمۇن، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئورۇنلاش ماھارىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

    پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى بازار كەنتى ئاھالىسى رەيھانگۈل ئابدۇراخمان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ داڭقىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدۇق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممەيلەن كېلىپ ئويۇن كۆردۇق، ئويۇننى يەنە قوشنا كەنتكە بېرىپمۇ كۆرۈپ كەلدۇق. مېنىڭ تۇنجى قېتىم كەنتتە بۇنداق ئويۇننى كۆرۈشۈم، ھازىر يېزىلاردا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەقىقەتەن ياخشى بولۇۋاتىدۇ، دېھقان – چارۋىچىلار ئىشىك ئالدىدىلا چوڭ شەھەرلەردە كۆرەلەيدىغان ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنالايدىغان بولدى.

    پىچان ناھىيەلىك كىروران ناخشا – ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى ئەزىمەت غوپۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: سەھنىگە چىققان ئاشۇ دەقىقىدە، ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئالقىش ياڭراتتى، بۇ سەھنىدە ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ئويۇن قويالىغانلىقىمدىن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلالىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.

    پىچان ناھىيەلىك كىروران ناخشا – ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دولقۇن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان، سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە نەچچە يۈز ئامما قاتناشتى، ھەر بىر مەيدان ئويۇننى مىڭغا يېقىن كىشى كۆردى، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئاممىغا تايىنىمىز، بىز دېھقانلار ياقتۇرىدىغان شەكىلدە ئويۇن قويۇپ، مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ خىل شەكىلدىكى يەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى رەتلەپ تۈزۈش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، ھېكايە سۆزلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردۇق.

    پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسىنىڭ زېرىپ كەنتىدە 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ‹‹ئۆلكە، شەھەرلەر ئىناقلىقنى مەدھىيەلەش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش›› تېمىسىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي››، ‹‹ئەتىمىز تېخىمۇ گۈزەل›› قاتارلىق كىلاسسىك مۇزىكىلارمۇ، ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا مەدھىيە››، ‹‹مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشقا قاتنىشىمەن›› قاتارلىق دەۋرگە ماس ناخشا، ئېتۇتلارمۇ ئورۇنلاندى. پائالىيەت جەريانىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق، گۈزەل تۇرمۇشقا ۋە ۋەتەنگە بولغان گۈزەل تىلىكى ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىغا سىڭدۈرۈلۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تۇرپاندا يۈز بەرگەن بىر قاتار يېڭى ئۆزگىرىشلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر قاتار يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئىشەنچى ۋە ياخشى روھىي قىياپىتى نامايان قىلىندى.

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، پىچان ناھىيەسى ‹‹يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرايلى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرەيلى›› تېمىسىدىكى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەر بىر كەنتكە، ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، دېھقانلارنى ناخشا – ئۇسسۇلغا جور بولۇپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەيدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368429451