سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ مۇھىتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش باش پونكىتى 22-دېكابىر ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-21

    ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش پونكىتى 22-دېكابىر ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ، ئامما ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ ئورگان تورى، ئۈندىدار قاتارلىق سۇپىلاردىن تىزىملىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلىيەلەيدۇ.

    مۇخبىرنىڭ 20-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى چاقىرغان «مۇھىت قوغداش ئەسلىھەلىرىنى ئاممىغا ئېچىۋېتىش پائالىيىتى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى» دىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بىرىنچى تۈركۈمدە ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن بەش مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش باش پونكىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت تەكشۈرۈش مەركىزىي پونكىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قالدۇق گازىنى تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش مەركىزى، ئۈرۈمچى دەرياسى بۇلغانغان سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، ئۈرۈمچى داپۇگۇ ئەخلەت تىندۇرۇش مەيدانى مۇھىت نازارەتچىلىكى، شەھەر بۇلغانما سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش، شەھەر ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قالدۇق گازىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاممىغا ئېچىۋېتىش پائالىيتىدە سۆزلىشىش، سىياسەتلەردىن مەسلىھەت سوراش، نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368429331