سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كارخانىلار يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-21

    19 – نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسى :

    ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كارخانىلار يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى

    ‹‹ئاۋاز كۇنۇپكىسى›› نى بېسىپ، پارولىڭىزنى ئېيتىپ، كۇنۇپكىنى قويۇۋەتسىڭىز مەشغۇلات تاماملىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەنزۇچە – ئىنگلىزچە، خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە قاتارلىق 27 خىل تىلنى تەرجىمە قىلالايدۇ؛ ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ئارقىلىق خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا ئۈچ خىل يەرلىك دىيالېكتنىڭ ئاۋازلىق خەت ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ‹‹جۇڭگو پەن – تېخنىكا بىرىنچى كۆرگەزمىسى›› دەپ نام ئالغان 19 – نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسى (تۆۋەندە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسى، دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) نىڭ شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدا گەپ ئاڭلاپلا خەت ئۇرالايدىغان بىر خىل مائۇس كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

    11 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئېچىلغان يەرمەنكىدە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى پەن – تېخنىكا توپلانغان بىر مەيدان ‹‹كاتتا مەرىكە›› كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نامايان بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن يۇقىرى، يېڭى پەن – تېخنىكا كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەجرىبە رايونلىرىنى قاتناشتۇرۇپ، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

    پەن – تېخنىكا كارخانىلىرى : يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى

    بۇ يىل شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنى لايىھەلەشتە پەن – تېخنىكىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆك رەڭ ئاساس قىلىنغان، كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى كۆك، ئاق رەڭلىك ئەگرى سىزىق ئۈستىگە قار لەيلىسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى، دېگەن مەنىگە ئىگە.

    ئالدىنقى نۆۋەتتىكى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يىل يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى داۋاملىق كېڭەيتىلىشتىن باشقا يەنە، دۆلەتنىڭ ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى مەزمۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتى يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان 100 نەچچە تۈر ئىچىدىن قاتتىق تاللاش ئارقىلىق 55 تۈرنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇردى، بۇ تۈرلەر ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ۋە ئەقلىي بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، بىيولوگىيەلىك تېببىي دورا ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، بايلىق، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئامالنىڭ بارىچە يېقىنقى بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلدۇرۇلدى.

    شىنجاڭ ‹‹شۈنفېي يىپەك يولى شېڭگۇ›› ئۇچۇر پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسىنى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئايلاندۇردى. بۇ شىركەت ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق مائۇسنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇردى. شىركەت بازار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چېڭ چىيا مۇنداق دېدى: ھازىر بۇ تېخنىكىمىزنىڭ خەنزۇ تىلىنى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى %95تىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %85تىن ئاشتى.

    بۇ قېتىمقى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسىدە، شىنجاڭ ‹‹زىجىڭ چۈەنسو›› يۇقىرى، يېڭى يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۆسۈملۈك زاۋۇتى نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى، بۇ زاۋۇت شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق LEDلىق ئۆسۈملۈك زاۋۇتى. شىركەتنىڭ تەتقىقات باش نازارەتچىسى خۇاڭ جىچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، شىركىتىمىز 500 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدىن ئىككىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ زاۋۇتلار دۆلەت ئىچىدىكى ئوتتۇرا، چوڭ تىپتىكى ئۆسۈملۈك زاۋۇتلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ شىركەت كېيىن يەنە 4000 كىۋادرات مېتىرلىق ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۆسۈملۈك زاۋۇتى قۇرماقچى.

    يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيا ‹‹خۇليەن›› (خەلقئارا) ئىنكۇباتور چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەكىلى چېن گاڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسى يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بازارلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، خەلقئارالاشتۇرۇشتىكى ئالتۇن كۆۋرۈك. بىز غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە بويىچە تۇنجى چېگرا سىرتىغا يۈزلەنگەن كەسىپ بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ سۇپا ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىزنى تونۇشىنى، چۈشىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېڭ گۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 19 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە، تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن كەڭ كۆلەملىك پەن – تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىقى ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم پەن – تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلغان.

    كېلىشىمنى ئۇدۇللاشتۇرۇش : كارخانا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كاپىتال جەلپ قىلىدۇ

    11 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسىدە ئون تۈردە كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 812 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى.

    بۇ ئىمزالانغان ئون تۈر دورا ياساش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، سانائەت، خىمىيە سانائىتى، گېن قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، غەربىي قىسىمدىكى قۇرغاق، سوغۇق رايونلارنىڭ تاتلىق سۈيىنى تۇزلۇق سۇغا ئايلاندۇرۇپ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش تۈرىگە چېتىلىدىغان سومما 1 مىليارد يۈەن. مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ شياڭگاڭ ئەلا سۈپەتلىك دېڭىز مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى لى شۈن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مۇھىم بىلگىنىمىز شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي پۇرسىتى، شۇنداقلا سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا رايونىنىڭ ئېتىبار سىياسىتى. شىركىتىمىز شياڭگاڭدا سەككىز يىل تىجارەت قىلغاچقا، تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. تۈرلەر ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، سانجىدا پۇت تىرەپ تۇرۇپ، ئاندىن ئەتراپقا تەسىر كۆرسىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىمىز.

    ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) مۇلازىمەت مەركىزى ۋە كەسىپ رايونى تۈرىگە سېلىنغان تۇنجى قارارلىق مەبلەغ 100 مىليون يۈەن. ‹‹ئەلى بابا›› چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاۋ جۇلياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەيلى سىياسەت شارائىتى، مۇھىت ياكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى ئىكەن. بۇ تۈر ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن 1 – باسقۇچتا ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى يەرلىك مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى كارخانىلىرىنىڭ چېگرا سودىسىدىن خەلقئارا سودىغا يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىدىكەن، يەنە مۇلازىمەتچان كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىكەن.

    يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسىدە كېلىشىم ئىمزالاش بىلەن بىللە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى پەن – تېخنىكا بىلەن پۇل مۇئامىلىنى تۇتاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى شېنجېن شەھىرىدە ئېچىلدى، مەملىكىتىمىزدىكى 18 مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى پەن – تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 4 مىليارد 325 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    شىنجاڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ كەسىپ سېلىنما فوندى تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالىغان ئىككى تەرەپ سودىگەر چاقىرىش بانكىسى ۋە شىنجاڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي شۆبە بانكىسىنىڭ باشلىقى گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ قۇرغان فوند پەن – تېخنىكا كارخانىلىرىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بانكا ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پايدا كۆرىدىغان مەبلەغ مەنبەسىنى بېكىتىپ، بانكا بىلەن پەن – تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى يوچۇقسىز تۇتاشتۇرالايدۇ.

    ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى ئىشخانىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2016 – يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسى، پەن – تېخنىكا كۆرگەزمىسى، پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پايدىلىنىپ، 24 مۇھىم تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالىغان، سېلىنماقچى بولغان مەبلەغ 13 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشقان.

    باشقا جايدا يېتىشتۈرۈش : يېڭى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

    ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

    ھازىر شىنجاڭدا تىزىمغا ئالدۇرغان پەن – تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار 10 مىڭ 714كە يەتتى، چوڭ تۈرلەرنى پىلانلاش جەھەتتە پەن – تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارغا تېخىمۇ چوڭ قاتنىشىش ۋە تەشكىللەش ھوقۇقى بېرىلدى.

    دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەۋزەل بايلىقىدىن پايدىلىنىش، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ماكانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى باشقا جايدا يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باشلاشنى قارار قىلدى.

    11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، شېنجېندا ئېچىلغان يىپەك يولى ئىجادىي تەرەققىيات ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئالتە ئاپپاراتنى تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى باشقا جايدا يېتىشتۈرۈش بازىسى قىلىشنى ئېنىق بەلگىلىدى ھەم شىنجاڭدىكى تۇنجى باشقا جايدا يېتىشتۈرۈلگەن ئىنكۇباتور شېنجېن ‹‹ۋاڭلەن›› ھەممىباب پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ۋىۋىسكا ئاستى. بۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى شېنجېن باشقا جايدا يېتىشتۈرۈلگەن ئىنكۇباتور قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى.

    شېنجېن باشقا جايدا يېتىشتۈرۈلگەن ئىنكۇباتور قۇرۇلۇشى ئىلغار ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى، بىيولوگىيەلىك تېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا ۋە سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالاھىدىلىك، ئىختىساسلىقلار ۋە كاپىتال توپلاشنى نەتىجە قىلغان، شىنجاڭنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى باشقا جايلاردا تەدرىجىي قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئىجادچان ئىختىساسلىقلار ۋە پەن – تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىچىلارنى تەربىيەلەپ، تەرەققىياتى ياخشى بولغان پەن – تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار ۋە پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەرنى بەرپا قىلىدۇ.

    ھازىر، تۇنجى تۈركۈمدىكى شېنجېن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا جايلاردا يېتىشتۈرۈلگەن ئىنكۇباتور ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ‹‹باشقا جايلاردا قۇرۇلسىمۇ شىنجاڭدىن ئايرىلماسلىق›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، تۈر قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بايلىقى جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكى تولۇقلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش تېزلىتىلىپ، يېڭى كەسىپلەر يېتىلدۈرۈلۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى، سىناق رايون قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شياۋلېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىناق رايون قۇرۇلۇشىدا ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شىخەنزە، قاراماي ۋە قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قاتارلىق ‹‹بەش جاي، يەتتە رايون›› يولغا قويغان يەتتە چوڭ كەسىپ ۋە سەككىز چوڭ ۋەزىپە ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۈچ يىل ئىچىدە سىناق رايوندا 175 يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش چوڭ تۈرى كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، ئومۇمىي سالغان مەبلەغ 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، شېنجېن، شاڭخەي جاڭجياڭ، بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈن قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئۆزلىرى ئىگىلىك تىكلىگەن رايونلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئالاقىدار سىياسەتلەردىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت، پىكىر›› (قىسقارتىلمىسى: شىنجاڭ 18 – ماددىسى)نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇ، ئاساسلىقى پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش چېكى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپا بازىسى قۇرۇش، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    سىناق رايون بېكىتكەن نىشانغا ئاساسەن، 2020 – يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى تۈزۈلمە – مېخانىزم، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات يېتىشتۈرۈش، پەن – تېخنىكا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور بۆسۈشكە ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەرگە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان رايون پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنىڭ مەملىكەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ، تىرەك بولىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368429191