سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ تەلەپنى چىڭ ئىگىلەيلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-21

    يېڭىلا ئاياغلاشقان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك يىغىن، يىغىندا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇساپىسى ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ بىزنىڭ ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، توغرا تەدبىر بەلگىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ياسىدى. كېلەر يىلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «13- بەش يىل» لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، ئىقتىساد خىزمىتىدە يېڭى دەۋرگە ئۇيغۇنلىشىپ، دىققەتنى يېڭى نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس يارىتىش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش تەلىپى بويىچە «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ يېڭى دەۋرگە كىردى، ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا بۇرالدى. يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا قاراپ راۋاجلانغانلىق، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى نامايان قىلىشقا قاراپ راۋاجلانغانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، ماس بولۇشنى ئىچكى ھاياتىي كۈچ ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندۇرۇش، يېشىل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھالەتكە ئايلاندۇرۇش، ئوچۇق بولۇشنى مۇقەررەر يولغا ئايلاندۇرۇش، ھەمبەھرە بولۇشنى تۈپ مەقسەتكە ئايلاندۇرۇشقا قاراپ راۋاجلانغانلىق. يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك، بۇ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا يېتىشتە يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك؛ خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئاساسىي يولنى پۇختا ئىگىلەپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ كۈچەش نۇقتىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك؛ تۈزۈم كاپالىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك، مىكرو سۇبيېكتى ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ سالمىقى بار ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى ئورنىتىش كېرەك.

    يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئاۋۋال شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش ھەم ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات قارىشىدا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئىگىلەش، يېتەكچىلىك قىلىشتا، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناتقۇزۇشتا، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ ماكرولۇق تەڭشەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشى بويىچە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسىدە، توغرا خىزمەت تاكتىكىسى ۋە ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

    يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇقىملاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىلگىرىلەشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىلگىرىلىتىپ، خىزمەت رىتىمى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. سىياسەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتمەي، پۇختا ۋە ئىشەنچلىك پۇل سىياسىتىدە نېيتراللىقنى ساقلاپ، قۇرۇلمىلىق سىياسەتنىڭ تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت سىياسىتىدە گەۋدىلىك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىش كېرەك.

    يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئۈچ چوڭ جەڭنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك. زور خېيىم- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، مۇھىم نۇقتا پۇل مۇئامىلە خېيىم- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، ماكرولۇق پىشاڭ ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، سىستېمىلىق خېيىم- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، ئالاھىدە بېكىتىلگەن نامرات ئاممىنى دەل جايىدا يۆلەشنى نىشانلاپ، ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلىك كۈچەپ، نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھاياتىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا تېخىمۇ زور ئىرادىگە كېلىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاشتا، مۇھىم نۇقتا كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

    يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كېلەر يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك، ئوچۇق، يېڭى ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ سۇبيېكتلىق تەمىنلەش، كۆپ يوللۇق كاپالەت، سېتىۋېلىش بىلەن ئىجارە بېرىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈمنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىدىكى تارقاقچىلىق، ئەركىنچىلىك، تار مەھكىمىچىلىك، مەزھەپچىلىك، يۇرت قورۇقچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان نىشان بېكىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، تاللاپ ئىجرا قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەم ياخشى رەھبەر بولۇپ، ھەم مۇتەخەسسىسكە ئايلىنىپ، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىش، يېڭى نىشانغا يېتىش، يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

    بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرۇش، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈش. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ۋەزىپە ئېغىر، مەسئۇلىيەت زور، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش، ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20-دېكابىر تېلېگراممىسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368429021