سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدە 2017-2018-يىللىق شەھەر دەرىجىلىك زاپاس كۆكتات سەپلەش خىزمىتى باشلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-20

    ئۈرۈمچىدە 20-دېكابىر (بۈگۈن) دىن باشلاپ شەھەر دەرىجىلىك زاپاس كۆكتات سەپلەش خىزمىتى باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم يېسسىۋېلەك، بەرەڭگە، سەۋزە قاتارلىق يەتتە خىل كۆكتات سەپلىنىدىكەن.

    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) دىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم شەھەر دەرىجىلىك زاپاس كۆكتاتنى سەپلەش مۆھلىتى 20-دېكابىردىن كېلەر يىلى 10-مارتقىچە جەمئىي 83 كۈن داۋاملىشىدىكەن. سەپلەش نۇقتىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق مەھەللە كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى سېتىش نۇقتىسىدا بولىدىكەن. سېتىش نۇقتىلىرىدا يېسىۋېلەكنىڭ ھەر كىلوگىرامى 1 يۈەن، بەرەڭگىنىڭ 2.00 يۈەن، سەۋزىنىڭ 1.5 يۈەن، تۇرۇپنىڭ 1.7 يۈەن، باش پىيازنىڭ 1.8 يۈەن، تەكىيە كاۋىسىنىڭ 1.4 يۈەن، كاۋىنىڭ 1.8 يۈەندىن سېتىلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368403001