سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسى 20-دېكابىردىن باشلاپ تارقىتىلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-20

    ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ 19-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، 20-دېكابىر (بۈگۈن) دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى، بايىنغولىن، شىخەنزە شەھەرلىرىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسى ئىشلىتىلىپ، كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىكى جۇ تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئاساسلىقى توكتىلا ماڭىدىغان ئاپتوموبىل، توكقا چاتىدىغان ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك ئاپتوموبىل ۋە باتارېيە ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368402771