سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتى يىللىق 10 مۇنەۋۋەر قار-مۇز ساياھەت شەھەرچىسى بولۇپ باھالاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-20

    جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ 17-دېكابىر جىلىن ئۆلكىسى جىلىن شەھىرىدە ئېلان قىلىنغان « جۇڭگو قار-مۇز ساياھەت تەرەققىياتى توغرىسىدىكى دوكلات (2017-يىل)» ىدا كۆرسىتىلىشىچە، قار-مۇز ساياھەت سىياسىتى ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، قار-مۇز ساياھەتچىلىكى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى تايانچقا ئايلانغان، ئېلىمىز 2022-يىلىغا بارغاندا « 300 مىليون كىشى قاتناشقان قار-مۇز ھەرىكىتى » نىشانىنى پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئورۇندايدىكەن.

    دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2021-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان قار-مۇز پەسلىدە، ئېلىمىزنىڭ قار-مۇز ساياھەتچىلىكى بويىچە ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 340 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يېتىپ، 670 مىليارد يۈەن كىرىم قىلىنىدىكەن.

    دوكلاتتا يەنە خاربىن، جىلىن، جاڭجياكۇ، ئۈرۈمچى، چاڭچۈن، خۆلۇنبۇيىر، شېنياڭ، مۇدەنجياڭ، يەنبيەن، ئالتاي قاتارلىق 2017-يىللىق جۇڭگودىكى 10 مۇنەۋۋەر قار-مۇز ساياھەت شەھەرچىسى باھالىنىپ چىقىلغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368402721