سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جايلاردا «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى داۋاملاشماقتا

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-20

    12- ئاينىڭ 17- كۈنى گۈلشەن (سولدىن 2- كىشى) ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە تۈگۈر تۈگمەكتە. ( ئازاد يۈسۈپ فوتوسى)

    ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت بانكىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى تاۋاقچى كەنتىگە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە كەلگەن خىزمەتچى خادىملار 12- ئاينىڭ 17- كۈنى قايتىش ئالدىدا گۈلشەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۈگۈر تۈگدى.

    12- ئاينىڭ 15- كۈنى كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىر جاڭ جۈن (ئوڭدا) قوشماقلاشقان تۇغقىنى ماھىرە قارى بىلەن بىللە تاماق ئەتمەكتە.خۇ جاڭشى فوتوسى)

    بىرقانچە كۈندىن بۇيان كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئاممىغا ياخشى ئىش، ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرىش، مول مەزمۇنلۇق كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش شەكلى ئارقىلىق قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلەن بولغان ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

     پەن- تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى تۇغقىنى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىلەنمەكتە. ( خەن لياڭ فوتوسى)

    ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق پەن- تېخنىكا ئىدارىسى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368398641