سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئورتاق گۈللەنگەن ئىللىق ئائىلە

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-20

    «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگىلىك كارخانا بەرپا قىلغانلىقى توغرىسىدا

    ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھەر بىر مەھسۇلات بىر ئىش تەرتىپىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئىش تەرتىپىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىۋاتاتتى، ئاقما لىنىيە يېنىدا ھەر مىللەت ئىشچىلار چېۋەرلىك بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتاتتى...

    12- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 11 دە، بىڭتۈەن 1- شىسىنىڭ ئارال شەھىرىدىكى «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لۆڭگە ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ زامانىۋى ئاقما لىنىيەسىدە بىر تۇتاش خىزمەت فورمىسى كىيگەن ھەر مىللەت ئىشچىلار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئىشلىمەكتە ئىدى، ئىشچىلار ناھايىتى ياخشى ماسلاشقاچقا، ئاقما لىنىيەنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنغانىدى.

    جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پۇقراۋى كارخانىسى «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا خاس ئادەم ئىشلىتىش ئەندىزىسىگە تايىنىپ، ئارال، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن 2700 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئىشچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، شىركەت خاس كارخانا مەدەنىيىتىگە تايىنىپ، ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىللىق مۇھىت بەرپا قىلىپ، كارخانىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندۇردى.

    ئىش ئورۇنلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مايىللاشتۇرۇلدى

    «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ دۇەنلىڭ مۇنداق دېدى: لۆڭگە ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا 800 دىن ئارتۇق ئىشچى ئىشلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى 500 دىن ئاشىدۇ، كارخانىمىز ئىش ئورنىغا ئىشچى قويۇشتا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مايىللىشىشتەك ئادەم ئىشلىتىش پىرىنسىپىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

    جېجياڭ «جيېلىيا» گۇرۇھى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، 2010- يىلى ئارال ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا «جيېلىيا» شىنجاڭ داڭلىق ماركا كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش- تەتقىقات بازىسى قۇردى، تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندە «جيېلىيا» گۇرۇھى مۇدىرىيىتى «ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىش»نى بېكىتتى. تۇنجى كۈنى ئىشچى قوبۇل قىلغاندىن باشلاپلا %90 ئىش ئورنىغا شىنجاڭلىق ئىشچىلارنى ئىشلىتىشكە باشلاپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى %60 تىن كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

    قەلبىنۇر ئابدۇخەبەر 2015- يىلى 6- ئايدا تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېخانىكىلىق ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، «جيېلىيا» شىركىتىگە قوبۇل قىلىندى. قەلبىنۇر ئابدۇخەبەر مۇنداق دېدى: كارخانا بىز ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلدى، يەنە بىزنى كۆڭۈلدىكىدەك ئىش ھەققى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىپ خاتىرجەم قىلغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە ئىشلەپ قېلىشنى خالايدىغان بولدى.

    «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ بىرقانچە يىلدا ئىشچى قوبۇل قىلىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئارال شەھىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئامما ئارىسىدىن ئىشچى قوبۇل قىلغاندىن باشقا، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

    ۋۇ دۇەنلىڭ مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، بىز ئۇزاق مۇددەتلىك «قوش تىل» بويىچە تەربىيەلەش، بىرگە بىر ياردەم بېرىش، يېتەكلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئۇلارغا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ دوستانە ئۆتۈشتەك مېھىر- مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆستۈردۇق، كۆپرەك ئىش ھەققى تارقىتىپ، ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇردۇق.

    «بىرگە ياردەم بېرىپ ئوننى يېتەكلەش» ئارقىلىق غەمخورلۇق يەتكۈزۈلدى

    12- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 17 دە «جيېلىيا» شىنجاڭ شىركىتىنىڭ ئاقارتىش ۋە بوياش سېخىدا سېخ مۇدىرى خۇ شۇمىن ئۇيغۇر ئىشچى ئەكرەم توختى بىلەن خىزمەت توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتتى. ئۇلار قۇرۇتۇش ماشىنىسىدا نەچچە كۈن ئىلگىرىلا تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى تاماملانغانىدى.

    - ئاقارتىش ۋە بوياش سېخىدىكى ئالتە قۇرۇتۇش ماشىنىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئىلگىرىدىكىدىن %40 ئاشتى! - دېدى خۇ شۇمىن خۇشال ھالدا، - بۇلارنىڭ ھەممىسى سېخىمىزنىڭ قۇرۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

    بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ئەكرەم توختى بۇلتۇر 1- ئايدا زاۋۇتقا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، خۇ شۇمىننى ئۇستاز تۇتتى. ئەكرەم توختى مۇنداق دېدى: قۇرۇتۇش ئۈسكۈنىسىنى تېخنىكا جەھەتتىن يېڭىلايدىغان چاغلاردا نۆۋەتچىلىك قىلغىنىمدا، قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، ئەڭ توغرا سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇستازىمغا دوكلات قىلىپ، ياخشى ھەمكارلىشىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېڭىلاش خىزمىتىنى تاماملىدۇق.

    خۇ شۇمىن بىلەن ئەكرەم توختى ئۇستاز- شاگىرت بولۇپلا قالماي، شىركەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى «قوشماقلار» ئىدى.

    «بىرگە ياردەم بېرىپ ئوننى يېتەكلەش» «جيېلىيا» شىنجاڭ شىركىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتىنىڭ ئىجادىي ئەندىزىسى، شىركەتتىكى ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسى ۋە باشقۇرغۇچى كادىر ئاز بولغاندىمۇ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان قىيىنچىلىقى بار بىر ئائىلە بىلەن قوشماقلىشىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلدى ھەم ئوندىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى بىلەن قوشماقلىشىپ، خىزمەتتە تېخنىكا ئۆگىتىپ، ياردەم قىلىپ، يېتەكلەپ، تۇرمۇشتا كۆيۈنۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

    ئېگىرىش سېخىدىكى پارتىيە ئەزاسى شۈ سىشىنىڭ قوشماقلىشىپ ياردەم قىلىدىغان ئوبيېكتى تۇرا ئىمىن بولۇپ، شۈ سىشىنىڭ خىزمەتتە ياردەم قىلىپ، تۇرمۇشتا كۆيۈنۈشى بىلەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئىككىسى ياخشى ئاكا- ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدى. شۈ سىشى تۇرا ئىمىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلىغاندا، تۇرا ئىمىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى، تۇرا ئىمىن قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسا شۈ سىشىدىن ياردەم سورايدىغان بولدى.

    «بىرگە ياردەم بېرىپ ئوننى يېتەكلەش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كارخانىدىكى ھەر مىللەت خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى، شۇنداقلا كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى.

    ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلار بىلەن خەنزۇ ئىشچىلار ئۆزئارا ياردەم قىلىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى

    «جيېلىيا» شىنجاڭ شىركىتىنىڭ لۆڭگە سېخىدىكى ئالىيە يۈسۈپ كۆپچىلىكنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشكەن «كىچىك ئۇستاز»، ئۇ ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ نۇرغۇن شاگىرت يېتىشتۈردى.

    بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن گو يەننيۇ 2015- يىلى 12- ئايدا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جۇكۇ شەھىرىدىن «جيېلىيا» شىنجاڭ شىركىتىگە كېلىپ ئىشقا چۈشۈپ، ئالىيە يۈسۈپنىڭ گۇرۇپپىسىغا تەقسىم قىلىنغانىدى. گو يەننيۇ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە زاۋۇتتا مېنى پېشقەدەم ئۇستاملار يېتەكلەيدۇ، دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن، ئويلىمىغان يەردىن مېنى بۇ كىچىك قىزچاققا تەقسىم قىلىپ بەردى. ئالىيە يۈسۈپ ماڭا قولمۇ قول تېخنىكا ئۆگىتىپ، زېرىكمەي چۈشەندۈرگەچكە، قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن قايىللىق پەيدا بولدى، شۇنداقلا ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بولدۇم.

    گو يەننيۇ بىر يىلدىن كېيىن گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، يېڭى ئىشچىلارنى تەربىيەلەش ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى، ئۇ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن يېڭى ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ماھارەتلىك ئىشچىلارغا ئايلاندى. گو يەننيۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ مۇشۇنداق تېز ئىلگىرىلىشىم ئالىيە يۈسۈپنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ.

    ئىشچىلار ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتتا «جيېلىيا» شىنجاڭ شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىغا كىرسىڭىز، ھەر مىللەت ئىشچىلارنىڭ بىر- بىرى بىلەن قولتۇقلىشىپ ياتاق بىناسىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى شيا جىڭيۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلار بىلەن خەنزۇ ئىشچىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇنىڭ بىلەن ھەر مىللەت ئىشچىلار ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا بەھرىلىنىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، ئىتتىپاقلىقنىڭ تۈرتكىسىدە خىزمەت ئۈنۈمىمۇ ئۆستى، بۇمۇ بىز يەتمەكچى بولغان نىشان ئىدى.

    شىركەتنىڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بىر ئابزاس سۆز كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا ئېسىپ قويۇلغانىدى: «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك». شيا جىڭيۇڭ مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېتىزدىن ئايرىلىپ سانائەت ئىشچىسى بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلار ئۈچۈن ھەر مىللەت ئىشچىلار ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىمىز.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368398511