سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تۇغقانلىشىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تۈرتكە بولۇش

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-20

پامىر ئېگىزلىكىدە ياڭرىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش قەسىدىسى

 سۈن چاۋ 12- ئاينىڭ 4- كۈنى يەرلىكتىكى تاجىك قېرىنداشلارغا ئېگىزلىكتە توخۇ بېقىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرمەكتە. ( خەن چىنيەن فوتوسى)

    شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى نازارەتچىلىك ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ 2- دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى سۈن چاۋ قىش كىرگەندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ بىر تەرەپتىن، پارنىكتىكى كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلسا، بىر تەرەپتىن، كاتەكتىكى توخۇ، ئۆردەكلەرگە يەم بېرەتتى.

    سۈن چاۋ 12- ئاينىڭ 4- كۈنى پارنىكتىكى ئىشىنى تۈگىتىپلا، توخۇ كاتىكىنىڭ يېنىغا بېرىپ، يەرلىكتىكى تاجىك قېرىنداشلارغا ئېگىزلىكتە توخۇ بېقىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈردى.

    − مېكىيانلار تۇخۇملاش مەزگىلىدە كاتەكنىڭ تېمپېراتۇرىسى 24 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق. ئېگىزلىكتە توخۇ بېقىشتا تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش ئاچقۇچ، − دېدى ئۇ. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسىدىكى تۆمۈر تىللابېك، ئەدىنە لايىق، ھېلىمقۇل بارى قاتارلىق چارۋىچىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

    سۈن چاۋ ئىلگىرىمۇ يەرلىكتىكى چارۋىچىلارنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن قېتىم تەربىيەلىگەنىدى.

    سۈن چاۋ ۋە ئۇ تۇرۇشلۇق قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن تارتىپ چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بېرىشكىچە ئېگىزلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش قەسىدىسىنى ياڭراتتى.

    ۋەچە يېزىسى پامىر ئېگىزلىكىدىكى بىر خىلۋەت جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىر، قەشقەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 350 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەردە يىل بويى قاتتىق سوغۇق بولىدۇ، ئوكسىگېن كەمچىل، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 3.3 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، قىروۋسىز مەزگىلى پەقەتلا 60 كۈن، تەبىئىي شارائىتى ناچار، قاتناش قولايسىز، ئۇچۇر راۋان ئەمەس بولۇپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر يېزا.

    سۈن چاۋ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، تاغارما يېزىسى، ۋەچە يېزىسى قاتارلىق نامرات يېزىلاردىكى چارۋىچىلار بىلەن تۇغقانلاشتى. ئۇلار چارۋىچىلارغا «پەن- تېخنىكا، قانۇن، مەدەنىيەت، سەھىيە، ئىللىقلىق» يەتكۈزۈپلا قالماي، ھەر قېتىملىق چوڭ ھېيت- بايراملاردا ۋە چارۋىچىلارنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا، چارۋىچىلارغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كۆمۈر قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

    ئۇلار ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىلارنى ياخشى ئوقۇپ، بېكىنمە تاغ ئارىسىدىن چىقىپ، بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر مائارىپقا بەس- بەستە 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل ئىئانە قىلىپ، ۋەچە يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۈستەل- ئورۇندۇق، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە سايمانلىرى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆگىنىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بەردى. ئىگىلىنىشچە، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئون نەچچىسى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان.

    باقىتجان موماي ئاغرىقچان بولۇپ، ئۆيىدە ئەمگەك كۈچى يوق ئىدى، تۇرمۇشى تولىمۇ قىيىنچىلىقتا قالغانىدى. سۈن چاۋ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى ۋە ئۇنىڭغا پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى، كىيىم- كېچەك، ئاشلىق، دورا يەتكۈزۈپ بەردى، ئۇنىڭ كىر يۇيۇشى، تاماق ئېتىشىگە ياردەملەشتى، ئۆي ئىشى ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەردى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى رەھبەرلەر، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر كۆپ قېتىم ئالماشقان بولسىمۇ، باقىتجان مومايغا غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش ھەرىكىتى توختاپ قالمىدى.

    كونىلاردا «پۇل بەرگەندىن پۇل تېپىشنى ئۆگەتكەن ئەلا» دەيدىغان گەپ بار. قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى پارتكومى نامراتلارنى يۆلەشتە نامراتلارنىڭ ئىرادە تىكلىشىگە ياردەم بېرىش بىلەن نامراتلارنى ئەقلىي جەھەتتە يۆلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلدى، چارۋىچىلارنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى تاغدىن چۈشۈپ شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەشكە يېتەكلىدى.

    قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى كۆپ تەرەپلىمە ئالاقىلىشىپ ۋە مەسلىھەتلىشىپ، جۇڭگو تاشقى تىرانسپورت پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، يەرلىكتىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر 20 ئائىلىلىك چارۋىچىغا ئىش تېپىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى پارتكومى يەنە چەكلىك خىراجەتنىڭ بىر قىسمىنى ئاجرىتىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر چارۋىچىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشىغا كېتىدىغان كىرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان چارۋىچى زازات مامئاتۇ كىرا پۇلىنى ئېلىپ، خۇددى ھېيتلىق ئالغاندەك خۇش بولۇپ كەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىكىلەر ماڭا ئىش ئورنى تېپىپ بېرىپلا قالماي، كىرا پۇلىنىمۇ بەردى، ئۇلار بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىمىزغا ئۈمىد بېغىشلىدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368398151