سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، شەكىلدە يېڭىلىق ياراتتى، چىن ھېسسىياتنى يۇغۇرۇپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-20

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ئىجادىي شەكىلدە قانات يايدۇردى

    ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار ۋە ئورۇنلار تېزدىن ھەرىكەتكە كەلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى باشلامچىلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئامما ئارىسىدىكى كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ‹‹زاغرا تىل›› دا تەشۋىق قىلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، تەڭ ئىلگىرىلەپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەل قىلىپ بەردى، بېرىش – كېلىش قىلىش ۋە ھال – مۇڭ قىلىش، سىردىشىش جەريانىدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ چىن ھېسسىياتى يۇغۇرۇلۇپ، دوستلۇقى چوڭقۇرلاشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى: تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، چىن ھېسسىياتنى يۇغۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى

    ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى 74 كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ شەھەر يېزىسى، سىتلى يېزىسىدىكى 13 كەنتكە بېرىپ، 20 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

    ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار 132 مەيدان (قېتىم) پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، تەشۋىقات پائالىيىتىگە 2700 دىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى، 158 ئائىلىنى زىيارەت قىلدى، 129 ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، تۈرلۈك بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدىن 127 مەيدان (قېتىم) ئۆتكۈزدى، پائالىيەتكە قاتناشقانلار 2380 (قېتىم) گە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئارىسىدىكى كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىلگىرىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تۇغقانلىرىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىللە ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئوي – پىكرىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار تۈرلۈك مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى چوڭقۇر قېزىپ تېپىپ چىقىپ، زىددىيەت، تالاش – تارتىشلارنى يېزا – كەنتنىڭ ئۆزىدە ھەقىقىي ھەل قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەرنى بىخ ھالىتىدە يوقاتتى. ئۇلار يەنە تۇغقانلىرىنىڭ ئىشىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ، تۇغقانلىرى بىلەن سىردىشىپ، ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پاراڭلىشىپ، تۇغقانلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، داۋالىنىش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەل قىلىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ھەقىقىي قەلبدىشى بولدى.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، سۆھبەت يىغىنى، چاي سۆھبىتى، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ۋەزىيەت، سىياسەت، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە سۆزلەپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بېرىش – كېلىش قىلىش ۋە ھال – مۇڭ قىلىش، سىردىشىش جەريانىدا ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ھېسسىياتى تېخىمۇ يۇغۇرۇلۇپ، دوستلۇقى چوڭقۇرلاشتى. ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولىمىز، تۇغقىنىمغا پارتىيە گېزىتى سوۋغا قىلىمەن›› پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، 2 – تۈركۈمدە تۇغقانلىشىدىغان كادىرلار يېڭىسار ناھىيەسىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى: كىبىرنى تاشلاپ ئەمەلىي ئىشلەپ، چىن مېھرى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن 2 – تۈركۈمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان 62 كادىر ۋە ئىشچى – خىزمەتچى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئىككى يېزىنىڭ ئۈچ كەنتىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ باردى. كادىرلار يۈك – تاقلىرىنى قويۇپلا، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تۇغقانلىرىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى.

    ئاپتونوم رايون سىنلىق سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پائال ئاۋاز قوشۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى. كۆپچىلىك پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى(ئۇيغۇرچە نۇسخىسى) كىتابچىسىنى تۇغقانلىرىغا سوۋغا قىلىپ، تۇغقانلىرى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بىرلىكتە ئۆگەندى، ئۇلار تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، كۆرۈپ بىلەلەيدىغان، ئېسىدە ساقلىيالايدىغان شەكىلدە سۆزلەپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈردى، كۈچنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئاساسىدا مۇجەسسەملىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ چىن 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى كەچتە تۇغقىنى زىۋىدىگۈلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سۇپىدا ئولتۇرۇپ، ھال – مۇڭ قىلىشقاچ، كەچلىك تەشۋىقاتنى باشلىدى. يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، زىۋىدىگۈل بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدى ھەم بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇ چىن پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى سۆزلىدى، ئۇلارنى تېخىمۇ تىرىشىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئىلھاملاندۇردى، پارتىيەگە قەتئىي مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭسا، كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    ‹‹كەچلىك تەشۋىقات›› ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى قانات يايدۇرغان ‹‹يەتتە بىر›› پائالىيىتىنىڭ بىر مەزمۇنى. ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر پائالىيەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن، تۇغقانلىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر قېتىملىق كەچلىك تەشۋىقات، بىر قېتىملىق مىكرو تىپتىكى پارتىيە دەرسى، بىر قېتىملىق نامراتلارنى يۆلەش مۇھاكىمە يىغىنى، بىر مەيدان ئائىلە ھېكايىسى سۆزلەش يىغىنى، بىر قېتىملىق ئائىلە يىغىنى، بىر قېتىملىق مىكرو تىپتىكى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى، بىر قېتىملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، خەلققە خىزمەت قىلىش ئېڭى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشنى يېزا – كەنتلەرنىڭ ھەممە جايىغىچە كېڭەيتتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكىلەر تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى پائالىيىتىدە تۇغقىنى بىلەن يۈزتۇرا سىردىشىش، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش شەكىللىرى ئارقىلىق ئەلرايىغا ماسلىشىپ، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، ئەلرايىنى ئۇتتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن 1 – تۈركۈمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تۈگىتىش ۋە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى 120 مەيدان ئۆتكۈزگەن، پائالىيەتكە قاتناشقانلار 2000 (قېتىم)دىن ئاشقان؛ 28 ئائىلىدىكى 78 ئادەم(قېتىم)گە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بويىچە ياردەم بەرگەن، ياردەم مەبلىغى (ماددىي ئەشيانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 76 مىڭ 500 يۈەنگە يەتكەن؛ 40 نەچچە مەيدان بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭغا قاتناشقانلار 820 (قېتىم) دىن ئاشقان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368398091