سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىزدىكى داڭلىق رېژىسسور چېن كەيگېنىڭ «ئالۋاستى مۈشۈك ھەققىدە قىسسە» ناملىق فىلىمى 22-دېكابىر قويۇلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-20

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئېلىمىزدىكى داڭلىق رېژىسسور چېن كەيگې رېژىسسورلۇقىدىكى «ئالۋاستى مۈشۈك ھەققىدە قىسسە» ناملىق فىلىم 22-دېكابىر ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىمگە «زالىم بەگنىڭ نازىنىن بىلەن ۋىدالىشىشى» ناملىق فىلىمىدىن كېيىنكى چېن كەيگېنىڭ ئەڭ ياخشى ئىشلىگەن ئىككىنچى فىلىمى، دەپ ئالدىن باھا بېرىلگەن. فىلىمگە ئېلىمىزدىكى يېتىلىۋاتقان ياش كىنو چولپانلىرىدىن خۇاڭ شۈەن قاتارلىقلار رول ئالغاندىن باشقا، يەنە ئېلىمىزدە ئالقىشقا ئېرىشكەن ياپونىيەلىك كىنو چولپانلىرىدىن سومېتانى شوۋتا قاتارلىقلارمۇ رول ئالغان. فىلىمدە تاڭ سۇلالىسىدىكى ياڭ قەقە بانۇ ئايىمنىڭ سىرلىق ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىشىدىن ھالاك بولۇشىغىچە بولغان سىرلار ئېچىپ بېرىلگەن. فىلىمنىڭ تەشۋىقات فىلىمى نۇرغۇنلىغان كىنو مەستانىلىرىنى جەلپ قىلغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368376541