سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كېلەر يىلى ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىدا ئۇدا 14-قېتىملىق ئۆسۈش بولىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-20

    2005-يىلىدىن باشلاپ، مەملىكىتىمىزدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى ئىزچىل ئۆرلەپ، 2017-يىلىغىچە ئۇدا 13 قېتىم ئۆستى. گەرچە ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ چىقىم بېسىمى ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىدار تارماقلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تەدبىر قوللاندى. بۇ يىلدىن بۇيان، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسى فوندىنى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈش، قىسمەن دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەر كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلى ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 14-قېتىم ئۆسۈشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش، قېرىلىشىش تېزلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار تەسىرىدە، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى 2017-يىلىدىكىدىن سەل تۆۋەن بولۇپ، تەخمىنەن %5 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368376501