سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى بالنېتسا بۆلۈمى بىناسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-19

    ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى يېڭى بىناغا كۆچتى! بۇ بىنادا تاق كىشىلىك، قوش كىشىلىك، ئۈچ كىشىلىك ياتاقلار بولۇپ، ياتاقلار ھال رەڭ، كۆك رەڭ، يېشىل رەڭدە سىرلانغان، ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 26 سېلسىيە گىرادۇس قىلىپ تەڭشەلگەن، تاملارغا ھەرخىل قونچاقلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بالىلارغا راھەت تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.

    قىش ۋە ئەتىيازدا بىمارلار كۆپىيىپ كېتىدۇ، 29 يىل ئىشلىتىلگەن بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئەسلىدىكى بالنېتسا بۆلۈمى بىناسى ئېھتىياجنى قامداپ بولالمىغاچقا بۇ يېڭى بىناغا كۆچكەن.

    ئەسلىدە كېلەر يىلى يانۋاردا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش پىلانلانغان يېڭى بالنېتسا بۆلۈمى بىناسى 16-دېكابىر مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، قان بۆلۈمى قاتارلىق ئىچكى كېسەللىك سىستېمىسىدىكى بۆلۈملەر كەينى-كەينىدىن يېڭى بىناغا كۆچكەن.

    يېڭى بىنا ئەسلىدىكى بىنانىڭ كەينىدە بولۇپ، 18-دېكابىر ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى بىناسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن. 15 قەۋەتلىك يېڭى بالنېتسا بۆلۈمىدە 500 كارىۋات بولۇپ، ئەسلىدىكىدىن 100 كارىۋات ئارتۇق ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368376181