سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت تۈرى باشلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-19

    غەربىي ئاسىيا تىك ئۇچار ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شېڭ يۈ مۇنداق دېدى: «بۈگۈندىن باشلاپ، بىز ئۈرۈمچى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت تۈرىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز ھەمدە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتى، ئاۋىياتسىيە مەدەنىيىتى، سودا پائالىيىتى، ئاۋىياتسىيەدە قۇتقۇزۇش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىزچىل كۈچەيتىمىز».

    2018-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، ساياھەتچىلەر تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ جىلغىسى، 1-نومۇرلۇق مۇزلۇق، بوغدا چوققىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، غەربىي ئاسىيا تىك ئۇچار ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى «خىيالىي جىلغا ساياھىتى»، «جەلپكار مۇزلۇق ساياھىتى»، «بوغدا چوققىسىغا مۇھەببەت» تىن ئىبارەت ئۈچ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويغان. بۇ ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ تاق كىشىلىك بېلەتلىرى ئايرىم ھالدا 888 يۈەن، 3688 يۈەن، 5888 يۈەن ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368376161