سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسىدىن ئالتىنى قۇردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-19

    ھازىر ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسى تىلغا ئېلىنسىلا ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى باشمالتىقىنى چىقىرىپ ماختىشىدۇ. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەمگەك كۈچى چىقىرىشقا دائىر سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قىزىلسۇ ئوبلاستى نوپۇسىدىكى ئەمگەك كۈچى بارلىكى جايدا ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسى بار بولدى.

    ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ تۇرمۇش، خىزمەتتە يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارغا تېخىمۇ سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتتى.

    ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ يېزىسىدىكى ئىشلەمچى مەمەتتۇردى شېرىپ 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى كەچۈرمىشلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى. مەمەتتۇردى شېرىپ بۇلتۇر 9 – ئايدا خوتۇنىنى ئېلىپ، چوڭ ئوغلى ئىشلەۋاتقان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇيجۇ شەھىرىدىكى ‹‹داتۇڭيىڭ›› پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىدى. لېكىن، ئۇزاق ئۆتمەي خوتۇنى تۇيۇقسىز ئېغىر كېسەل بولۇپ قالدى، ئوغلى ئىش ئورنىدا يارىلاندى. مەمەتتۇردى شېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ زەربىدىن داۋاملىق ئىشلىگۈم كەلمەي، ئۆيگە قايتىش پىلانىنى تۈزۈپ قويغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسى زاۋۇتتا بىز ئۈچۈن مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ئىئانە توپلاش پائالىيىتى تەشكىللىدى، يەنە بىزگە ياردەم قىلىپ، 10 نەچچە مىڭ يۈەنلىك داۋالىنىش ھەققىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىشقا ئىلتىماس قىلدى. ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسى ھەقىقەتەنمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىللىق ئائىلىسى ئىكەن.

    خۇيجۇ شەھىرىدىكى ‹‹داتۇڭيىڭ›› پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن 1065 ئىشچى ئىشلەيدۇ. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم 2016 – يىلى بۇ شىركەتتە ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسى قۇردى، شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر، سودىگەرلەرنىڭ خۇيجۇ تارماق رايونى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاقتۇلۇق ئىشلەمچىلەرنىڭ باش يېتەكچىسى، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈسۈپ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشلەمچىلەرنى تۈرلۈك مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسى ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئىدىيەۋى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، ئىشلەمچىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

    ئەلچىبېك ئەمەت بۇ يىل 2 – قېتىم دۇڭگۇەن شەھىرىدىكى ‹‹لۈجۇ›› ئاياغچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە بېرىپ ئىشلىدى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ خوتۇنى ئازىخان ئىسمايىلمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسى ئىككى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشلىگەچكە ھەم كوللېكتىپ ياتاقتا تۇرغاچقا، ئادەتتە ناھايىتى ئاز كۆرۈشەلەيتتى. بىر قېتىم ئەلچىبېك ئەمەت شىركەتنىڭ ئەمگەك كۈچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئايشەم ۋەلىگە ئائىلىسى ۋە خوتۇنىنى ناھايىتى سېغىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئايشەم ۋەلى دەرھال يېتەكچى كادىرلار ۋە كارخانا تەرەپنى ماسلاشتۇرۇپ، بۇ ئەر – خوتۇنغا بىر يۈرۈش ئۆي ھەل قىلىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن ئەلچىبېك ئەمەت ئەر – خوتۇن خاتىرجەم ئىشلەپ كىرىم قىلغاچ، ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىدىن بەھرىلەندى، ئەلچىبېك ئەمەت مۇنداق دېدى: ھازىر خوتۇنۇم بىلەن ئۆزئارا ئىلھام بېرىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، بالدۇرراق بەختلىك كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.

    ئايشەم ۋەلى مۇنداق دېدى: ئىشلەمچىلەرنى رازى قىلىش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز، سىرتتا ئىشلەۋاتقاندا ئۇلارنى ئائىلىسىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرەلىسەك، ئۇلار خاتىرجەم ئىشلەپ كىرىم قىلالايدۇ.

    قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لۇڭ مىڭجى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 2016 – يىلىدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، ئەنخۇي، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردە ئىچكىرىگە ئەمگەكچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىسىدىن ئالتىنى قۇرۇپ، ئىشلەمچىلەرگە 10 مىڭدىن ئارتۇق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى. ئەمگەكچى چىقىرىش پارتىيە ياچېيكىلىرى ئىشلەمچىلەرنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، نۇرغۇن ئىشلەمچىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا تەدرىجىي يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 70 ئىشلەمچى پارتىيە تەشكىلاتىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى.

    ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2014 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىچكىرىگە ئىشلەشكە بارغانلار سىجىل ئېشىپ، 16 مىڭ 618 (قېتىم)گە، ئۇلارنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىمى 36 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىچكىرىگە ئىشلەشكە بارغانلار 6470 (قېتىم) كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35 ئاشقان، ئەمگەك كىرىمى 232 مىليون يۈەنگە يەتكەن. نۇرغۇن دېھقان – چارۋىچى ئىلگىرىكىدەك كوللېكتىپ تەشكىللىنىپ ئىچكىرىگە ئىشلەشكە بېرىشتىن ئۆزگىرىپ، ئۆزلۈكىدىن خالاپ بارىدىغان بولغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368374821