سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-19

ئاپتونوم رايون ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

    ئاپتونوم رايون 12 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 2017 – يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، كېلەر يىللىق ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە دائىر پىكىر يولى، نىشان ۋە مۇھىم نۇقتىلارنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك سىستېمىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

    لى پېڭشىن قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلدى. 2017 – يىلىدىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىلار ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ پىكىر يولى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىقلاپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، غەيرەتنى ئاشۇرۇپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى تىرىشىپ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە، يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىنى، دېھقانلارنى سۆيىدىغان›› ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمەت قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ ‹‹ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پاختا سۈپىتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش›› تەلىپى بويىچە يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش، ياخشىلاش؛ يېزىلاردىكى 1 – ، 2 – ، 3 – كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەر زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىدە داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون كۇرسلۇق مەھسۇلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە سېتىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي كەسىپكە قايتىپ، پەن – تېخنىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ دېھقانلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش؛ يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368374601