سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلماقتا

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-18

    ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇزاق ئۆمۈر تىلەش مەھەللىسى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، تۇغقانلاشقان ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىق رىشتىنى چىڭىتتى. (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

دۆربىلجىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى جاڭ شىسەي (ئوڭدىن 1- كىشى) 12- ئاينىڭ 12- كۈنى تۇغقىنى بۇلغۇن (سولدىن 1- كىشى) قاتارلىقلار بىلەن بىڭتۈەن 9- شىسى ئىتتىپاق دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، پارنىكتا تەرخەمەك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكتە. ( ليۇ پېڭ فوتوسى)

    يېقىندىن بۇيان، دۆربىلجىن ناھىيەسىدە 1- تۈركۈمدە 2260 ئىشچى- خىزمەتچى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك دوستلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى پىلانلاپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

 قومۇل شەھىرىدىكى ئورگان كادىرلىرى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى ئېۋىرغول رايونى شەرقىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى ئوردا كەنتىدىكى تۇغقىنىغا كۆمۈر توشۇپ بەرمەكتە. (سەي زېڭلې فوتوسى)

    قومۇل شەھىرى ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قىزغىن ئاۋاز قوشتى، ھەر مىللەت كادىرلار تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ يېزا- كەنتلەرگە بېرىپ، تۇغقانلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، تاماقتا،يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368349591