سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

32 يىل داۋاملاشقان مېھىر- شەپقەت

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-18

    غۇلجا ناھىيەلىك «ماي» شۈمېي كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى گۇ شۈمېينىڭ ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىگەنلىكى توغرىسىدا (2)

    غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۇچئۇن خۇيزۇ يېزىسى توخۇچىيۈزى كەنتىدىكى «ماي» شۈمېي كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى گۇ شۈمېي 12- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن غۇلجا ناھىيەسى دولان دېھقانچىلىق مەيدانى دولان كەنتىدىكى بېيىش باشلامچىسى ئىلنۇر تۇرسۇن قاتارلىق تۆت ئايالنى باشلاپ، پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان تىككۈچىلىك سېخىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

    قاتار تىزىلغان يېپيېڭى كىيىم تىكىش ماشىنىلىرىنى كۆرگەن ئىلنۇر تۇرسۇننىڭ بۇ يەردىن ئايرىلغۇسى كەلمەيلا قالغانىدى، «گۇ ھەدە، مەن بۇ يەرگە سىزنى ئىشچى- خىزمەتچىلىرىمنى تەربىيەلەپ بېرەرمۇ، يەنە زاكازلارنىڭ بىر قىسمىنى ماڭا بېرەرمۇ، دەپ كېلىشىم»، دېدى ئىلنۇر تۇرسۇن خىجالەت بولغان ھالدا.

    گۇ شۈمېي ئىلنۇر تۇرسۇننىڭ ئون خادىمى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا: يەنە ئون خادىم قوبۇل قىلىڭ، مەن ئۇلارنى ھەقسىز تەربىيەلەپ بېرەي، بەزى زاكازلارنى سىزگە بېرەي، دېدى. «بولىدۇ، قايتىپ بېرىپلا تەربىيەلىنىشكە ئادەم ئەۋەتىمەن»، دېدى ئىلنۇر تۇرسۇن.

    ئىلنۇر تۇرسۇن كەتكەندىن كېيىن، گۇ شۈمېي: ھازىر شىركىتىم بار، كۆلىمىمۇ خېلى چوڭ، ئاچا- سىڭىللار تەربىيەلەيدىغان ئورۇننىڭ يوقلۇقىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىپ قالىدىغان ئىش ئەمدى يۈز بەرمەيدۇ، دېدى.

    1985- يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 32 يىل داۋامىدا، گۇ شۈمېي ئەتراپىدىكى ھەر مىللەت ئاچا- سىڭىللارغا نۇرغۇن ياردەم قىلدى.

    گۇ شۈمېي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك، دېگەن سۆزنى دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

    توخۇچىيۈزى كەنتىنىڭ ئاھالىسى جانارگۈل رامىزان ئىلگىرى پارچە- پۇرات ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، جانارگۈل رامىزان ئېرى بىلەن بىللە تىككۈچىلىكنى ئۆگىنىش ئۈچۈن گۇ شۈمېينى ئىزدەپ كەلدى.

    بىر يىلدىن كېيىن، گۇ شۈمېي جانارگۈل رامىزانغا دۇكان ئايرىپ بېرىشنى قارار قىلىپ، ئۆيىدىكى قويلارنى سېتىپ، دۇكان ئىجارە ئېلىش، كىيىم تىكىش ماشىنىسى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن جانارگۈل رامىزانغا 3000 يۈەن غەملەپ بەردى.

    جانارگۈل رامىزان ئۆز ئالدىغا ئىش باشلىغاندىن كېيىن، گۇ شۈمېي ئۆزىنىڭ كونا خېرىدارلىرىنى جانارگۈل رامىزانغا تونۇشتۇرۇپ قويدى، ئۆزىمۇ جانارگۈل رامىزاننىڭ دۇكىنىدا ئىككى ئايدىن كۆپرەك تىككۈچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشنى يۈرۈشتۈرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. ھازىر جانارگۈل رامىزاننىڭ سودىسى يۈرۈشۈپ، 160تىن كۆپرەك شاگىرت تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، يەنە يېڭى ئۆي سېتىۋالدى.

    بىر توكلۇق كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ باھاسى 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، گۇ شۈمېي دائىم ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ شاگىرتلىرىغا كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئېلىپ بېرىدۇ، بەزىدە يەنە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار شاگىرتلىرىنىڭ توك پۇلىنى تۆلەپ قويىدۇ، ئۇ ھەر يىلى توك پۇلى ئۈچۈنلا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك چىقىم قىلىدۇ. بەزىلەر بۇنى چۈشەنمەي: سىزنىڭ شاگىرتلارنى ھەقسىز تەربىيەلىگىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا يېتىپ ئاشاتتى، ئۇلارغا يەنە ئۆز يېنىڭىزدىن پۇل چىقىرىپ كىيىىم تىكىش ماشىنىسى ئېلىپ بېرىدىكەنسىز، توك پۇلىنى تۆلەپ بېرىدىكەنسىز، نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ دەپ سورىغاندا، گۇ شۈمېي سەمىمىيلىك بىلەن: شاگىرتلارغا كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئېلىپ بېرىشىم شۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىشلىرىمىزنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن. شاگىرتلىرىم پۇل تاپالىسا، مەنمۇ ئارزۇيۇمغا يېتىمەن، دەيتتى.

    «باشقىلارنىڭ نەزەرىدە قىلغانلىرىم كىچىك ئىشلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ كىچىك ئىشلار مېنى ئاچا- سىڭىللار بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، ئارىمىزدىكى ھېسسىياتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى»، دېدى گۇ شۈمېي.

    شاگىرت كۆپ بولغانلىقتىن، زاكاز يېتىشمەي قالغاندا گۇ شۈمېي غۇلجا ناھىيەسى، غۇلجا شەھىرىدىكى چوڭ سودا سارايلار، مەكتەپ، كىيىم- كېچەك زاۋۇتلىرىغا بېرىپ زاكاز ئۇقۇشتى. ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان جاپاغا باش ئەگمەيدىغان روھى بىلەن ياخشى ئىناۋەت تىكلىگەچكە، زاكازلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، تىجارىتى تېخىمۇ روناق تاپتى.

    گۇ شۈمېي سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كىيىمنى ئالدى بىلەن ئۆزى پىچىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئاندىن شاگىرتلىرىغا تىكىشكە تاپشۇرىدۇ. گۇ شۈمېينىڭ ئېرى ئائىلىنىڭ ئىشلىرىدىن سىرت، زاۋۇتتىكى چوڭ- كىچىك ئىشلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئالغانىدى، ئۇ زاۋۇتنىڭ ئامانلىقىنى ساقلايتتى، مال توشۇيتتى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىشقا ئاپىرىپ- ئەكىلەتتى، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرىدىكى ۋە زاۋۇتتىكى كىيىم تىكىش ماشىنىلىرىنى ھەقسىز رېمونت قىلاتتى. ئۇ: ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن، دېدى.

    گۇ شۈمېينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر باشقىلارغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ، ئۆزلىرى بولسا ئىنتايىن ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

    2014- يىلى توخۇچىيۈزى كەنتىدە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ تەڭدىن تولىسى يېڭى ئۆي سالدى، ئەمما گۇ شۈمېينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى ئۆي سالمىدى. ئۇلار يەنىلا 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا سېلىنغان كونا ئۆيدە تۇراتتى، سەۋەبىنى سورىغىنىمدا، گۇ شۈمېي: ھازىر دۇكاننىڭ چىقىمى كۆپ، ئۆي سالىدىغان ئىشنى كېيىنرەك ئويلىشارمىز، دېدى.

    «كېيىنرەك ئويلىشارمىز» دېگەن سۆز گۇ شۈمېينىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە دائىم دەيدىغان گېپى بولۇپ، گۇ شۈمېي ئەنە شۇ «كېيىنرەك ئويلىشارمىز» دېگەن گەپ بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى نۇرغۇن مۇھىم پەيتلەرنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنىدى.

    گۇ شۈمېينىڭ ئۈچىنچى قىزى دىڭ شياۋجيې ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ھازىر غۇلجا ناھىيەلىك ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىرى دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ۋە ئاچىلىرىم ئىش ئۇققىدەك بولغاندىن بۇيان، ئاپامنى ئۆيدە ناھايىتى ئاز كۆرەتتۇق، ئاتا- ئانىلار يىغىنىغىمۇ دادام قاتنىشاتتى. ئۆيىمىزدىن مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىق ئۈچ كىلومېتىر كېلەتتى، بىز مەكتەپكە ۋېلىسىپىت مىنىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى ھەۋەس قىلاتتۇق، ئاپام بولسا ۋېلىسىپىت ئالىدىغانغا پۇل يوق، دەيتتى، ئەمما قىيىنچىلىقى بار شاگىرتلىرىغا كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئېلىپ بېرەتتى، ئەينى چاغدا مەن ۋە ئاچىلىرىم بۇنى چۈشەنمەي، بىر مەزگىل ئاپامغا قېيىداپ يۈرگەنىدۇق.

    «شاگىرتلىرىنىڭ ئىشى ئاپام ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش، شاگىرتلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ھامان ئاپام ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ. ھازىر ئاپام مېنىڭ ئۈلگەمگە ئايلاندى، خىزمەتتە مەنمۇ خۇددى ئاپامغا ئوخشاشلا ھەر بىر ئاغرىققا چىن كۆڭلۈمدىن غەمخورلۇق قىلىمەن»، دېدى دىڭ شياۋجيې.

    گۇ شۈمېي دۇنيادا يەنە پۇلدىنمۇ مۇھىم نۇرغۇن نەرسە بار، دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بەخت بىر خىل تاللاش، گەرچە ئائىلەم ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، ئەمما مەن ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز چۈشىنىش ۋە قوللاشقا ئېرىشتىم. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىقتىسادچىللىقى مىڭلىغان ئائىلىلەرگە بەخت ئېلىپ كەلدى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال.

    «شىركىتىمنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، شۇنداقلا يۇرتداشلىرىم ۋە شاگىرتلىرىمنىڭ مەدىتىدىن ئايرىلالمايدۇ! مەن داۋاملىق مىننەتدار قەلب بىلەن ياشايمەن!» دېدى گۇ شۈمېي.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368349341