سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«ھاپاش قىلىپ مېڭىش» تىن «مېڭىشنى ئۆگىتىش» كىچە

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-18

    داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ شىنجاڭغا « ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى » دە نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدا

    ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسى توپا كەنتىنىڭ ئاھالىسى دۆلەت قارى 11- ئاينىڭ 19- كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ شىنجاڭغا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» دە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ھاياجان ئىلكىدە مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىگە، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇرلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، سىلەر ماڭا ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلدىڭلار، مەن ناخشام ئارقىلىق ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى كۈيلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشىنى تىلەيمەن!

    دۆلەت قارى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، ئاتتىن يىقىلىپ چۈشكەن. جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇرلار بۇلتۇر 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۇنى يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلغان، ھازىر ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەسلىگە كېلىۋېتىپتۇ.

    ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇلتۇر 4- ئايدا داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ شىنجاڭغا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تيەنجىن، لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، تارباغاتاي ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى ۋە بىڭتۈەن 1- شىسىدىكى سەككىز دوختۇرخانىغا ياردەم بەردى.

    بىر يىلدىن بۇيان، ياردەم بېرىلىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش سەۋىيەسى، باشقۇرۇش سەۋىيەسى، پەن قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ داۋالىنىشى قىيىن، يىراق، قىممەت بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

    «ھاپاش قىلىپ مېڭىش»: پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالاشتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش

    شىنجاڭغا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش ئۆمەكلىرى «دائىم ئۇچرايدىغان كېسەل، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەلنى ئۆز جايىدا داۋالاش»نى نىشان قىلىپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئېھتىياجى ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى بۆلۈم، نۇقتىلىق بۆلۈم ۋە ئۆزگىچە بۆلۈملەرنى مەركەزلىك قۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە جايلارنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىدىكى بوشلۇقنى ئۈزلۈكسىز تولدۇردى.

    ئىلگىرى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك ئوپېراتسىيەسىنى قىلالمايتتى. بۇلتۇر جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان دوختۇرلار كەلگەندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانا يۈرەك- كۆكرەك تاشقى بۆلۈمىنى قۇردى. بۇ بۆلۈمنىڭ مۇدىرى قادىرجان مۇسا مۇنداق دېدى: 2016- يىلى 6- ئايدىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار دوختۇرخانىمىزدا سەككىز قېتىم يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدى، ھەر قېتىملىق ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەسلىگە كەلدى.

    جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن يەن مۇنداق دېدى: ئىچكىرىگە بېرىپ يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا 150 مىڭ يۈەن كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاران %40 ئەتراپىدىلا ئاتچوت قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئاغرىقلارنىڭ تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چىقىم قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ؛ يەرلىكتە يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى %60 ئەتراپىدا ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ، ئاغرىقلار پەقەت 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن ئوپېراتسىيە ھەققىنى ئۈستىگە ئالسىلا بولىدۇ، قالغان قىسمىنى دوختۇرخانا ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن داۋالاش ئۆمىكىگە ئوخشاش، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭغا داۋالاشتا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۆمەكلىرى ياردەم بېرىلىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ پەن قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ 25 نۇقتىلىق پەن تۈرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى 15 دوختۇرخانىدىن ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن 100دىن كۆپ داۋالاش مۇتەخەسسىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇنجى خەلقئارالىق جىددىي قۇتقۇزۇش مەشىق بازىسى قۇرۇلدى، بۇ دوختۇرخانىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بازىسىغا ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 25 نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم ۋە ئىككى مەخسۇس پەرۋىش قىلىش- تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلدى.

    شاڭخەي شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن داۋالاش ئۆمىكىنىڭ ياردىمىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسى جەنۇبىي شىنجاڭدا باشلامچىلىق بىلەن كۆپ پەن بىرلەشمە دىياگنوز قويۇش- داۋالاش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، «ھەممە مەسئۇل بولۇپ ھۆددىگە ئېلىش، مەسئۇل يېتەكچى يېتەكلەش تۈزۈمى»دىكى ئومۇمىي پەرۋىش خىزمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، «ئەلا مۇلازىمەت» ياراتتى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ (قەشقەر) يېڭىچە داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تەتقىقات ئورنىنى تەسىس قىلدى، 26 ئورۇن داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىگە ئەزا بولدى، ئۇلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى جەنۇبىي شىنجاڭ، ھەتتا شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرى، شۇنداقلا ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەرگىچە كېڭەيدى.

    بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىي 76 مىڭ 700 ئادەم(قېتىم) دىياگنوز قويدى ۋە داۋالىدى، 9312 قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدى، 519 يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرنى يولغا قويۇپ، 200 نەچچە تۈردىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك، تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىلىرى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇشتەك زور تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. ياردەم بېرىلىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ مۇرەككەپ، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرۈش، ئوپېراتسىيە قىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئاغرىقلارنى باشقا دوختۇرخانىلارغا يۆتكەش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئۆز جايىدا داۋالىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنىڭ ئوپېراتسىيە مىقدارى %14 ئاشتى، ئاغرىقلارنى باشقا دوختۇرخانىلارغا يۆتكەش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52 ئازايدى.

    «مېڭىشنى ئۆگىتىش»: قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش

    داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەڭ زور نەتىجىسى «ھاپاش قىلىپ مېڭىش»تا ئەمەس، بەلكى «مېڭىشنى ئۆگىتىش»تە گەۋدىلەندى.

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئۆمەكلىرى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، قولمۇ قول يېتەكلەپ، يۈزتۇرا ئۆگىتىپ، يەرلىكتىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ مۇستەقىل ئوپېراتسىيە قىلىش، شۇنداقلا مۇرەككەپ، قىيىن كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش ھەم ئۇنى داۋالاش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

    شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 6- دوختۇرخانا سۆڭەك كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى پېڭ شياۋچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسىغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن بولۇپ، بۇ دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغانىدى، ئۇنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە بىر يۈرۈش ئۆزگىچە تەجرىبىسى بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ياخشى بۆلۈمدە تېخنىكا تايانچلىرى كەم بولسا بولمايدۇ. بىر لاياقەتلىك بوغۇم تاشقى كېسىلى دوختۇرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كەم دېگەندىمۇ بەش يىل كېتىدۇ، ھالبۇكى مېنىڭ ئاران بىر يېرىم يىللا ۋاقتىم بار، شۇڭا قائىدىنى بۇزۇپ، «قان ھاسىل قىلىش» سۈرئىتىنى تېزلەتتىم.

    پېڭ شياۋچۈن ئەتراپلىق تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈپ، شۇ بويىچە تەربىيەلىدى: بىرىنچى، ئاساسنى پۇختىلاپ، شاگىرتلىرىدىن بىر ئاي ئىچىدە «سۈنئىي بوغۇم تاشقى كېسىلى ئىلمى» دېگەن كىتابنى پىششىق ئوقۇشنى تەلەپ قىلىپ، ھەر ھەپتىدە ئىمتىھان ئالدى؛ ئىككىنچى، تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، شاگىرتلاردىن ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ ئىنگلىزچە ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن لېكسىيە سۆزلەش، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئومۇملاشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان تېخنىكا تۈرلىرىنى يېزىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى؛ ئۈچىنچى، شاگىرتلىرىدىن ئۆلچەملىك سۈنئىي بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى سىن فىلىمىنى قايتا- قايتا كۆرۈپ، مودېلنى تەكرار تەقلىدىي ئوپېراتسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ تۆتىنچى، ئوپېراتسىيە جەريانىدا يېتەكلەپ، ئۆزى باش بولۇپ قىلغان ئوپېراتسىيەدە مۇھىم نۇقتىلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، شاگىرتلىرىغا تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش قىيىن بولغان ئەمەلىي تېخنىكىلارنى بىرمۇ بىر ئۆگەتتى؛ بەشىنچى، شاگىرتلاردىن مىكرو تاشقى كېسەل تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىنچىكە مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئاساسنى ياخشى سالدى.

    پېڭ شياۋچۈن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: شاگىرتلىرىم يېتەكلىشىم بىلەن، ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى، ئۇلارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى تېز ئۆستى، تۆت ئاي ئىچىدىلا ئىككى شاگىرتىم ئوپېراتسىيەنى مۇستەقىل قىلالايدىغان بولدى. بۇ يىل 6- ئايدا ئۇ ئىككىيلەن 92 ياشلىق بىر ئاغرىقنىڭ يانپاش بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنى قىلدى. بۇ ئوپېراتسىيەنى ئۆز ۋاقتىدا مەنمۇ ئىككى يىل ئۆگىنىپ ئاندىن قىلالايدىغان بولغان.

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئۆمەكلىرى كۆپ خىل ئۇسۇللار ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىپ، تايانچ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەرلىكتىكى 400دىن ئارتۇق داۋالاش خادىمى بىلەن ياردەم بېرىپ يېتەكلەش قوشماقلىرىدىن بولۇپ، «ئۆمەك ئۆمەكنى يېتەكلەش»، «مۇتەخەسسىسلەر تايانچلارنى يېتەكلەش»، «ئۇستازلار شاگىرتلارنى يېتەكلەش»، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ بىلىم ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار كېسەل كۆرۈش، داۋالاشنى ئاساس قىلىشتىن شاگىرتلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلىشقا يۈزلىنىپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسى ھازىرلاپ بەردى.

    قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسى «فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىزمەتتىكى تېببىي ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش» تۈرى ۋە «جىددىي، قىس ئىش ئورنى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، 51 دوختۇرنى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى، 15 پەن باشلامچىسى ۋە كەسپىي تايانچنى شاڭخەيگە، ئۈچ پەن باشلامچىسىنى چەت ئەلگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى. دۆلەت سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېزىلارغا دوختۇرلارنى تولۇق كۇرس بويىچە ھەقسىز زاكازلىق تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ھەر يىلى 400 دوختۇرنى تەربىيەلەپ بەردى؛ «ھەمكارلىق پىلانى»نى يولغا قويۇپ، تېببىي ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى يىلدىن- يىلغا ئاشۇردى، 2016- يىلى قوبۇل قىلىنغانلار 624كە يەتتى.

    بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئۆمەكلىرى 2000 مەيدان(قېتىم)دىن ئارتۇق تۈرلۈك لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، تېببىي خادىملارنى 31 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئارتۇق تەربىيەلىدى، ياردەم بېرىلىۋاتقان دوختۇرخانىلار بىلەن بىرلىكتە 150تىن ئارتۇق تەتقىقات تېمىسىغا ئىلتىماس سۇندى.

    «يىلتىزى بىلەن كۆچۈرۈش»: ئىلمىي ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ، ئىلمىي باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈش

    باشقۇرۇشمۇ بىر خىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچى! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئۆمەكلىرى ياردەم بېرىلىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، شەرقىي قىسىمدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىلمىي ئىدىيەسى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسىنى «يىلتىزى بىلەن كۆچۈرۈپ» كېلىپ، قائىدە- تۈزۈملەرنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ياخشىلاپ، خىزمەت ئۆلچىمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپكارلىق ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئىلمىيلەشتۈرۈش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈردى.

    ئىلگىرى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ تەسىس قىلىنىشى مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى. سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىشېڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئامما سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئالتىنچى قەۋەتكە چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىككىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ قان تەكشۈرتۈپ، يەر ئاستى بىرىنچى قەۋەتتە رېنتىگېنگە چۈشۈپ، تۆتىنچى قەۋەتكە چىقىپ B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتىدا تەكشۈرتەتتى، كۆپ ھاللاردا سالامەتلىكىنى يېرىم كۈندىمۇ تەكشۈرتۈپ بولالمايتتى.

    جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئۆمىكى كەلگەندىن كېيىن، جەمئىي 13 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئىلگىرىكى سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش بۆلۈمى ئاساسىدا ھازىرقى سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى. ليۇ جىشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەركەز ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى كۈنىلا 300 ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈردى، ئۈچ ئايدىن بۇيان 11 مىڭ 400 ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلار ئۈچۈن ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزدى، ھازىر بۇ يەردە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىنتايىن قولاي ھەم تېز.

    2016- يىلى 4- ئايدا تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش خىزمىتى مۇھىم باسقۇچقا كىرگەنىدى. خۇنەن ئۆلكىسى ئەۋەتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ بىرىنچى سەپتە جاپالىق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، بۇ دوختۇرخانا تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

    خۇنەن ئۆلكىلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى يىن گاڭ مۇنداق دېدى: بىز شياڭيا دوختۇرخانىسى، ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئىلغار باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، ياردەم بېرىلىۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش سۈپىتى، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، خېيىم- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تېخنىكىسىنى باشقۇرۇشقا دائىر 92 تۈرلۈك تۈزۈم ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۆلچىمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت تەرتىپىنى ياخشىلاپ، كەسىپكارلىق ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇردۇق.

    قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسى «باشقۇرۇش زەنجىرى» ئىدىيەسىنى كىرگۈزۈپ، بارلىق خادىم، بارلىق ئىش ئورنى، بارلىق جەرياننى پۈتۈن مۇساپىلىك باشقۇرۇش ۋە ئىش ئۈنۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بارلىق خادىملارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش، بۆلۈم مۇدىرلىرىنىڭ ئىش ئورنى نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، ئومۇميۈزلۈك خامچوت باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى؛ يىراقتىن دىياگنوز قويۇپ داۋالاش مەركىزى، ئالاقە تورى تېببىي مەركىزى، ئالاقە تورى تەربىيەلەش ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ، جۇڭگو دوختۇرخانىلار جەمئىيىتى دوختۇرخانىلار ئۇچۇرىنى ئىستاتىستىكا قىلىش كەسپىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇدىر ئەزاسىغا ئايلاندى.

    كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئۆمەكلىرى پىلان تۈزۈش ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ پەن قۇرۇلۇشى ۋە داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلمىلىق ۋە ئەندىزىلىك ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يەرلىككە خاس داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسى، تېببىي پەن تەرەققىياتى ۋە پەن تەتقىقات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368349281