سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى›› نى تارقاتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-18

    دۆلىتىمىز 2018–يىلىدىن باشلاپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن، 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى›› نى ئېلان قىلدى. لايىھەدە 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    بۇ لايىھەنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىنىشتىن پۈتۈن مەملىكەتتە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىغا تۆلەم بېرىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ‹‹كارخانىلار بۇلغاش، ئامما زىيانغا ئۇچراش، ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىش›› تەك قاتمال ھالەتتە ئۈنۈملۈك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى بېكىتىش، باھالاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە خەلقنىڭ مۇھىت ھوقۇق – مەنپەئىتى كۈچلۈك قوغدىلىدۇ.

    لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنىڭ تۆلەم دائىرىسى، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، تۆلەم سۇبيېكتى، زىيان تۆلىمىنى ھەل قىلىش يولى قاتارلىقلار يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مۇناسىپ بېكىتىش، باھالاش، باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا سىستېمىسى، مەبلەغ كاپالىتى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۆلەم تۈزۈمى تەدرىجىي ئورنىتىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

    لايىھەدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2020 – يىلىغىچە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مەسئۇلىيەت ئېنىق، يول راۋان بولغان، تېخنىكىسى ئۆلچەملەشكەن، كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرىدىغان، تۆلەم نەقلەشتۈرۈلىدىغان، ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

    ئىگىلىنىشىچە، 2015 – يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى››نى تارقاتقان. جىلىن، شەندۇڭ، جياڭسۇ، خۇنەن، چۇڭچىڭ، گۇيجۇ، يۈننەندىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان.

    بۇ قېتىمقى لايىھەدە نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسىدا، قىسمەن مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى: بىرىنچىدىن، تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقدارىنىڭ دائىرىسى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىن شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگىچە كېڭەيتىلىپ، تۆلەم خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى؛ ئىككىنچىدىن، يەرلىكتىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىغا تۆلەم بېرىلىدىغان ئەھۋاللارنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، تۆلەم خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ ئۈچىنچىدىن، كېڭىشىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ‹‹كېڭىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش›› تەرتىپى بەلگىلەندى ھەم كېڭىشىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان تۆلەم كېلىشىمىنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيەلىك بېكىتىشىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تۆلەم كېلىشىمىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش فۇنكسىيەسى يۈكلەندى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368348911