سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسى ئېچىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-18

    شىنجاڭ تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسى (شىنجاڭ مىللىي تېبابەت دورىلىرى كەسىپلەر توپى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسى) 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى شىمالىي سانائەت رايونىدا ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تور سۇپىسى ھازىرلىدى.

    مەزكۇر سۇپىنى ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى تەتقىقات ئورنى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا سانائىتى جەمئىيىتى، تەڭرىتاغ يېڭى تېببىي دورىگەرلىك كەسپى ۋە تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقى بىرلىكتە قۇرغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەن.

    مەزكۇر سۇپا شىنجاڭنىڭ تېببىي دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئورنى، ئالىي مەكتەپ، كارخانا قاتارلىق بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېببىي دورىگەرلىك سانائىتى كارخانىلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرىدۇ، ئۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېببىي دورىگەرلىك ساھەسىدىكى كەسپىي سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر سۇپا كەسىپ سىياسىتى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش، كارخانا ۋە مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش، تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتنى كېڭەيتىش ۋە ئايلاندۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تور ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكىلىك مۇلازىمەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئەسلىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى، مىللىي تېبابەت دورا ماتېرىياللىرى بايلىق ئۇچۇرى ئامبىرى ۋە ئۆلچەم ئامبىرى ئاساسىدا، شىنجاڭ جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئوبوروت قىلىش، سانلىق مەلۇماتنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ سۇپا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تېببىي دورىگەرلىك كەسپى ئۇچۇرلىرىنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېببىي دورىلىرىنى چىقىرىش، سىرتتىن دورا كىرگۈزۈشىگە يول ئاچىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368342831