سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ يىللىق يۈك توشۇش–يەتكۈزۈش مىقدارى 91 مىليون 150 مىڭ توننىغا يەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-18

    شىنجاڭدا پويىز قاتنىغان 59 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى

     ئالمائاتاغا بارىدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى تۈگۈن مەركىزىدىن قوزغىلىشى بىلەن، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يىللىق يۈك توشۇش – يەتكۈزۈش مىقدارى 91 مىليون 150 مىڭ توننىغا يەتتى، بۇ، تۆمۈريول تارماقلىرى 1958 – يىلى شىنجاڭغا كىرگەندىن بۇيان يۈك توشۇش – يەتكۈزۈش مىقدارىدا ياراتقان ئەڭ يۇقىرى رېكورت ھېسابلىنىدۇ.

    2016 – يىلى شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ يۈك توشۇش – يەتكۈزۈش مىقدارى 69 مىليون 100 مىڭ توننا بولغان. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بۇ يىل كۆپ مىقدارلىق يۈك توشۇشنى نىشانلاپ، ماركېتىڭ شەكلى ۋە تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىشىنى تەشكىللەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، توشۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق يۈك توشۇش – يەتكۈزۈش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

    شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭدىكى 37 مەركەز كارخانىسى ۋە چوڭ كارخانا گۇرۇھى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، كېلىشىمدىكى توشۇش مىقدارى 71 مىليون توننىغا يەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، چوڭ خېرىدارلار بىلەن بولغان چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، تۆمۈريولنىڭ يەرلىك ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

    جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى تۈگۈن مەركىزىدىن يولغا چىقىدىغان پويىزلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئەڭ دەسلەپتىكى ھەپتىدە بىر پويىز قاتناش ئەھۋالى ئۆزگىرىپ، ھازىر كۈندە ئىككىدىن ئۈچكىچە پويىز قاتنايدىغان بولدى. بۇ يىل جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 638ى قاتناپ، يۈك توشۇش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

    بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ بەش ئايدىكى يۈك تىرانسپورت ماركېتىڭ خىزمەت سۈپىتى ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپى مەملىكىتىمىزدىكى تۆمۈريوللار ئىچىدە 1 – ئورۇندا تۇردى. 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى بىر كۈن ئىچىدە 5921 ۋاگونغا يۈك قاچىلاندى، بۇ، شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ بىر يىل ئىچىدە تارىخىي رېكورتنى 11 – قېتىم يېڭىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

    جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۆمۈريول تارماقلىرى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، يۈكنى تېخىمۇ كۆپ توشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368342751