سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدىكى 10 مەكتەپ مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك مەكتەپ بولۇپ باھالاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-18

    1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك مەكتەپلەرنى باھالاش تىزىملىكى نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلان قىلىندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 499 مەكتەپ 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك مەكتەپ شەرىپىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 10 مەكتەپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. ئۇلار ئايرىم ھالدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئالىي كەسپىي مەكتىپى (شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى)، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى، قابا ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 22-باشلانغۇچ مەكتەپ، قاراماي شەھەرلىك 8-باشلانغۇچ مەكتەپ، چاقىلىق ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ، باي ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ، قەشقەر شەھەرلىك 12-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2-ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىقلار.

    مۇخبىرنىڭ 14-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك مەكتەپنى باھالاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، كېلەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 1-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك مەكتەپلەرنى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بۇ تۈردىكى باھالاش كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368341791