سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«ئاممىۋى كۈتۈپخانا قانۇنى» كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-15

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى 14-دېكابىر پايتەخت بېيجىڭدا 2017-يىللىق 4-پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ كۈتۈپخانا قانۇنى» (قىسقارتىلىپ ‹‹ ئاممىۋى كۈتۈپخانا قانۇنى›› دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئاساسلىق مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قانۇن دۆلەت قاتلىمى ئاممىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى 1-قىسىم مەخسۇس قانۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاممىۋى كۈتۈپخانا مۇلازىمىتى، قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەدبىرلەر دىققەت-ئېتىبارنى قوزغىغان، 2018-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

    «ئاممىۋى كۈتۈپخانا قانۇنى» نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش خىزمىتى 2008-يىلىنىڭ بېشىدا رەسمىي باشلانغان. بۇ يىل 4-ئايدا، قانۇن لايىھەسى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا قاراپ چىقىشتىن ئۆتكەن، ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان. ئىككىنچى قېتىملىق قاراپ چىقىشتىن كېيىن، قانۇن بۇ يىل 4-نويابىر 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، رەسمىي ئېلان قىلىنغان.

    «ئاممىۋى كۈتۈپخانا قانۇنى» دا ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلۇشى، مۇلازىمىتى، باشقۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلار غا قارىتا كونكرېت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان، بولۇپمۇ ھەقسىز مۇلازىمەت جەھەتتە تۆت تۈر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئايرىم ھالدا ھۆججەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇش؛ قىرائەتخانا، تەكرارخانا قاتارلىق ئاممىۋى بوشلۇق ئەسلىھە مەيدانلىرىنى ئېچىۋېتىش؛ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك لېكسىيە، ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، كۆرگەزمە ئېلىپ بېرىش؛ دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا ھەقسىز مۇلازىمەت تۈرلىرى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

    بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئاممىۋى مەدەنىيەت تەتقىقات بازىسىنىڭ مۇدىرى لى گوشىننىڭ قارىشىچە، «ئاممىۋى كۈتۈپخانا قانۇنى» دا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئاساسىي نىشانى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسى ئېنىق بېكىتىلىپ، ھۆكۈمەت كاپالىتى ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇلىيتى كۈچەيتىلىپ، ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368288771