سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جىئىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-15

    ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، جۇڭگو–كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاق داۋاملىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 14 – كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جىئىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

    شى جىنپىڭ مۇن جىئىننىڭ جۇڭگو بىلەن كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى پەيتىدە جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە يېقىن قوشنىلار ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، ئىككىلا تەرەپ زور پايدا ئالدى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، ھەممىگە ئايان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جۇڭگو – كورېيە مۇناسىۋىتىدە ئاز – تولا داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ياراتقانلىقى بولىدىغانلىقىنى ئۆرنەك ۋە ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، كورېيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت – سائادىتىنى كۆزلەپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە ئورۇنلۇق تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىش تۈپ پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان قوشنىدارچىلىق يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ئاساسىي مەقسىتىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو – كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىيات يولىدا باشتىن – ئاخىر ساغلام، مۇقىم داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيى كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلدى. جۇڭگو بىلەن كورېيە سىياسىي جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى قاتلاملار ئارىسىدىكى سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيەلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش كېرەك. جۇڭگو كورېيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى كورېيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككى دۆلەت ياشلار، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، تاراتقۇ، تەنتەربىيە، سەھىيە، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام راۋاجلىنىشىغا كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

    مۇن جىئىن ئالدى بىلەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقان پەيتتە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا يەنە بىر قېتىم تەزىيە بىلدۈرىمەن، جۇڭگو خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. كورېيە بىلەن جۇڭگو مۇھىم قوشنا ھەم ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. بۇ، مېنىڭ جۇڭگودا بەشىنچى قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم، مەن جۇڭگونىڭ سىجىل تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ناھايىتى قايىل. كورېيە بىلەن جۇڭگو بىر – بىرىنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىمۇ كۈنسېرى قويۇقلاشماقتا. جۇڭگونىڭ ‹‹ئىككى 100يىل››لىق كۈرەش نىشانى مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. كورېيە جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ھەم ئەلئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى قاتلاملار ئارىسىدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كورېيە – جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى يېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كورېيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. كورېيە جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

    ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يېرىم ئارالدا ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىق يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويماسلىق، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى جەزمەن سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن كورېيە يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. بىز كورېيە بىلەن داۋاملىق مۇقىملىقنى قوغداش، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز، جۇڭگومۇ يېرىم ئارالدىكى جەنۇب – شىمال ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىشىش، ئۇچرىشىش ئارقىلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، يارىشىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، بۇ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى كىچىكلىتىش ۋە ھەل قىلىشقا پايدىلىق. مۇن جىئىن مۇنداق تەكىتلىدى: كورېيە يېرىم ئارالنىڭ يادرو مەسىلىسىنى تىنچلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا قەتئىي كۈچەيدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

    شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ‹‹ساد›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدانىنى تەكىتلىدى، كورېيەنىڭ بۇ مەسىلىنى داۋاملىق مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

    سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد – سودا، يېشىل ئېكولوگىيەلىك كەسىپلەر، مۇھىت، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، قىشلىق ئو ت م قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى.

    سۆھبەتتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مۇن جىئىننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەن ئېشياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368282591