سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ساۋ يۈنپېڭ 147 نومۇرلۇق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-15

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگولۇق ماھىر ساۋ يۈنپېڭ 12-دېكابىر گىلاسگوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن شوتلاندىيە سىنوك ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى تولۇق نومۇرغا ئېرىشىپ، ئېلىمىزدىكى كەسپىي مۇسابىقىدە تولۇق نومۇرغا ئېرىشكەن تۆتىنچى ماھىر بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دىڭ جۈنخۇي، لياڭ ۋىنبو ۋە بو جياجۈن كەسپىي مۇسابىقىدە تولۇق 147 نومۇرغا ئېرىشكەن. ساۋ يۈنپىڭ شۇ مۇسابىقىدە 0 گە قارشى 4 نەتىجىدە رەقىبىنى يېڭىپ، 64 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى. ئەگەر بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە باشقا ماھىرلار 147 نومۇر ئالالمىسا، ساۋ يۈنپېڭ تەخمىنەن 20 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 178 مىڭ يۈەن) مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368282311