سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

نەنجىڭ: شەھەر ئاممىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ساۋشې بوغۇزىدا نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقتا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-13

    نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش سارىيىنىڭ باشلىقى جۇ چىڭشەن 11-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەر ئاممىسىغا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى تارىخىنى سۆزلىمەكتە.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى : نەنجىڭ شياۋجۇاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، شەھەر ئاممىسى ۋەكىللىرى ۋە تارىخچىلار 11-دېكابىر نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش سارىيى ئالدىدا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، تالاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى. نەنجىڭ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا جايلاشقان ساۋشې بوغۇزى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە ياپون ئارمىيەسى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىق قىلغان جاي بولۇپ، 57 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بۇ يەردە تالاپەتكە ئۇچرىغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368232761