سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پۈتۈن دۇنيادا كىچىك باشلىق چاشقان دېلفىنىدىن پەقەت 30 ىلا قالدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-12

    شىنخۇا تورى خەۋىرى : ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ۋە ۋاشىنگتون، مىكسىكا بىلەن بىرلىشىپ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاخىرقى 30 كىچىك باشلىق چاشقان دېلفىنىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

    ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېز خەۋەرلەر» تورىنىڭ 4-دېكابىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك چاشقان دېلفىنلىرىنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن. ئىلگىرى كىشىلەر كالىفورنىيە قولتۇقىدىكى ھايات قالغان كىچىك باشلىق چاشقان دېلفىنلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى دېڭىزدا قورشاپ قوغدىماقچى بولغان، ئەمما بۇ جەرياندا بىر كىچىك باشلىق چاشقان دېلفىنى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارنى قورشاپ قوغداش پىلانى مەجبۇرىي توختىتىۋېتىلگەن.

    جۇڭگو، ئامېرىكا، مىكسىكا يېقىندا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش يىغىنى ئاخىرلاشقاندا كىچىك باشلىق چاشقان دېلفىنلىرىنى قوغداش بويىچە كىلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، كىشىلەر دىپلوماتىيەنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىچىك باشلىق چاشقان دېلفىنلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368197331