سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مېيىپلار سىياسىتى تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-12

    بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى تەتقىقات ئورنى يېقىندا «جۇڭگو مېيىپلار سىياسىتى تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 2017» نى ئېلان قىلدى. بۇ كۆرسەتكۈچتە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: 2016- يىللىق مېيىپلار سىياسىتى تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى بويىچە، ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلكىلەر تەرتىپ بويىچە بېيجىڭ، جېجياڭ، تيەنجىن، سەنشى، فۇجيەن، جاڭسۇ، گەنسۇ، شاڭخەي، چىڭخەي ۋە شەنشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەزكۇر ئىندېكسنى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەنبەسى ئاساسلىقى 31 ئۆلكىدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مېيىپلار بىرلەشمىسى ۋە مائارىپ تارماقلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن كەلگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368197241