سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» يولغا قويۇلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-12

    مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى يولغا قويدى. «ۋاقىتلىق چارە»دە مۇنداق دېيىلدى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش ھوقۇقى بىۋاسىتە مەكتەپلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىلدى، مۇستەقىل باھالاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان مەكتەپلەر بىرلەشمە باھالاش ئۇسۇلى، ھاۋالىلىك باھالاش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى مەكتەپلەر ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

    «ۋاقىتلىق چارە»دە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالىي مەكتەپلەر مەركەزنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە پىلانى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنۋان باھالاش چارىسى ۋە مەشغۇلات لايىھەلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى، ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىپ، باھالاشنى ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشى، ئۇنۋان باھالاشنىڭ قەدەم- باسقۇچ، پىرىنسىپلىرىنى چوقۇم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن- نىزاملىرى ۋە ئۇنۋان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

    مەركەزدىكى تارماقلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش چارىسى، مەشغۇلات لايىھەسى ۋە مەكتەپ دەرىجىلىك باھالاش كومىتېتىنى قۇرۇش قارارى قاتارلىق ئەھۋاللارنى مەسئۇل تارماقلارغا تەپسىلىي دوكلات قىلىشى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى، ئۇنۋان باھالاشقا ئالاقىدار ماتېرىياللار ئارخىپىنى ئاز دېگەندە ئون يىل ساقلىشى كېرەك.

    ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش خىزمىتىدە چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنى، ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى ئۇنۋان باھالاشنىڭ ئالدىنقى ئۆلچىمى قىلىش لازىم.

    نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى ھەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنۋان باھالاش ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرىدۇ. ئاممىنىڭ ئىنكاسى ياكى جامائەت پىكرى كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، قاراتمىلىق ھالدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنۋان باھالاشنى ئوچۇق- ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى بەزى مەسىلىلەرنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ ۋە ئاشكارا تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلارغا تېگىشلىك چارە كۆرۈشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچىلاردىن ساختىپەزلىك قىلغانلار ياكى ئىلىمگە مۇخالىپ قىلمىش سادىر قىلغانلار بايقالسا، دۆلەت ۋە مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ساختىپەزلىك، ياسالمىلىق ۋە ناتوغرا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنۋانغا تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار بايقالسا، باھالانغانلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاپ، «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزىدۇ. پارتىيەلىك رەھبىي كادىرلار ھەم باشقا مەسئۇل خادىملار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368197011