سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەملىكىتىمىز ئالجىرىيە 1-نومۇرلۇق ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-12

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 11-دېكابىر سائەت 0:40 دا، ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق ئىككىلەمچى توشۇغۇچى راكېتا ئالجىرىيە 1-نومۇرلۇق ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ مەملىكىتىمىزنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بېكىتىلگەن ئوربېتىغا كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

    ئالجىرىيە 1-نومۇرلۇق ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى جۇڭگو-ئالجىرىيە ئىككى دۆلەت ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى تۇنجى ھەمكارلىق تۈرى بولۇپ، ئالجىرىيەنىڭ تۇنجى ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى ئالجىرىيەنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە، جىددىي ئەھۋال ئالاقىسى، يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان مائارىپ، ئېلېكترونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى، كارخانا ئالاقىسى، كەڭ بەلباغلىق تور ۋە سۈنئىي ھەمراھلىق يول باشلاش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368196771