سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىز دۇنيا ئىقتىسادى يېڭى ئەندىزىسىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى ___ «بايلىق كۆزى»دىن جۇڭگو تۆھپىسىگە نەزەر

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-09

    6-دېكابىر، دەۋر شىركىتى باش مەزمۇن ئەمەلدارى، «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ باش دىرېكتورى مۇرۇيلەن 2017-يىللىق «بايلىق» دۇنيا مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2017-يىللىق «بايلىق» دۇنيا مۇنبىرى 6-دېكابىردىن باشلاپ گۇاڭجۇدا باشلاندى. بۇ دۇنيا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى باشلامچىلار ۋە داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ كاتتا زىياپىتى، شۇنداقلا يەر شارى بازار تەھلىلچىلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىدىغان، تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق پۇرسىتىنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم سۇپا. ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىش، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش ... مانا بۇلار يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات سىياسىتى تەشەببۇسىنى ئېنىق ئىپادىلىدى. قوغداش، قۇرۇش، قايتا يارىتىش، ھەرىكەتلەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ... چوڭقۇر تەڭشىلىپ، قايتىدىن جانلىنىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادى «بايلىق كۆزى» ئارقىلىق ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۈچلۈك بولغان «جۇڭگو تۆھپىسى»نى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368110261