سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شاڭخەي نەنتوڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى مەخسۇس يولىغا ھەرىكەتچان بىلەك ئورنىتىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-09

    جۇڭگو قاتناش 2-ئىدارىسىنىڭ شاڭخەي نەنتۇڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىگە 114 دانە ھەرىكەتچان بىلەك ئورنىتىش خىزمىتى 5-دېكابىر پۈتۈنلەي تاماملانغان بولۇپ، 6-دېكابىردىن باشلاپ ئۇزۇن-قىسقىلىقى تەڭشىلىدىكەن، بارلىق تەڭشەش قۇرۇلۇشى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدىكەن.

    شاڭخەي نەنتوڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى يېڭىدىن قۇرۇلغان شاڭخەي تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى شۇنداقلا دۇنيادىكى چات ئارىلىقى ئەڭ چوڭ، تاشيولمۇ، تۆمۈريولمۇ تەڭلا مەۋجۇت بولغان قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك، ھەمدە دۇنيادىكى چات ئارىلىقى مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان تۇنجى كۆۋرۈك ھېسابلىنىدىكەن.

    شاڭخەي نەنتوڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى 2014-يىلى 1-مارت باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مۆھلىتى بەش يېرىم يىل قىلىپ بەلگىلەنگەن. قۇرۇلۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، نەنتۇڭ شەھىرىدىن شاڭخەي شەھەر رايونىغا پەقەت بىر سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368110241