سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبە رايونى قاپلانلار ماكانلىشىدىغان مۇھىم جايغا ئايلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-09

    28-دېكابىر، كۆزىتىش خادىمى ناڭچيەن ناھىيەسى بەيزا ئورمانچىلىق مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كامېرا ئارقىلىق قاپلاننى سىنغا ئالدى.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسى يۈيشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ناڭچيەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىر يېرىم ئاي داۋاملىشىپ تېخى يېقىندا ئاياغلاشقان بولۇپ، بۇ ناھىيە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كامېرادىن پايدىلىنىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان قاپلاننىڭ سۈرەتلىك ماتېرىيالىدىن 21 گە ئېرىشكەن.

    17-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ناڭچيەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىلەن شەنشۈ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان مەركەز بىرلىكتە لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبە رايونىدىكى ناڭچيەن ناھىيەسى بەيزا ئورمانچىلىق مەيدانىدا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. 14 چارۋىچى كۆزىتىش خادىمى 100 كۋادىرات كېلومېتىر دائىرىگە 25 ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كامېرانى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر يېرىم ئاي ۋاقىت ئىچىدە قاپلاننى 21 قېتىم سۈرەتكە تارتتى ۋە قىممەتلىك سىن ماتېرىيالىغا ئېرىشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368110211