سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

19-نۆۋەتلىك ئافرىقا ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكلەر خەلقئارالىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-06

    كوتېدىۋويرېنىڭ زۇڭتۇڭى ئوئاتارا 5-دېكابىر چوڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 19-نۆۋەتلىك ئافرىقا ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكلەر خەلقئارالىق يىغىنى 4-دېكابىر كوتېدىۋويرېنىڭ ئابىجان شەھىرىدە باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، يىغىن 9-دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئون مىڭغا يېقىن ۋەكىل ئەيدىز كېسىلى ۋە جىنسىي يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستىراتېگىيەسى، بولۇپمۇ سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن .

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368057791