سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ئاخىرلاشتى، 13 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى تۈر بويىچە نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-06

    4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېندا ئاخىرلاشتى. ئۈچ كۈندە، دۇنيا بويىچە 80 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1500 دىن ئارتۇق مېھمان «رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېچىۋېتىش-بەھرىلىنىش — بىرلىكتە تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئىدىيە ۋە پاراسىتىنى پائال ئاتا قىلىش، ئىجادىي نەتىجىلىرىنى كۆرەك قىلىش، ھەمكارلىق يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە تىرىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

    يىغىن ئاكتىپ ھالدا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ بېرىپ، ھەمكارلىشىش-ھەمتۈرتكە بولۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىدارە قىلىش-بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىملىق يىغىن ب د ت ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ئورگىنى، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى بىلەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. يىغىن ئاكتىپ ھالدا ئەمەلىي ھەمكارلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، بىر قاتار تەسىر كۈچىگە ئىگە ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى، «بىر بەلباغ، بىر يول» رەقەملىك خەلقئارا ھەمكارلىقى تەشەببۇسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمىزالىدى. «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاتەش زىمىن» تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، ئۇدۇللاشتۇرۇلغان ئالاقە تورى تۈرىنىڭ سانى 1200 گە يەتتى، 13 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى تۈر بويىچە نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالاندى. دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بىلەن تەسىر كۈچى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368057461