سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى 11 ئايدا 540 مىليون يۈەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھەققى يىغدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-06

    5-دېكابىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن نويابىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 540 مىليون يۈەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھەققى يىغىلغان، بۇ بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن 33 مىليون 310 مىڭ 100 يۈەن كۆپ بولۇپ، %7 ئاشقان، سېلىشتۇرما قىممەت 129 مىليون يۈەن ئېشىپ، %31.2 ئاشقان.

    ئالدىنقى 11 ئايدا يەرلىك كارخانىلاردىن يىغىۋېلىنغان ھەق 325 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %11 ئاشقان؛ ھاۋالە قىلىنغان كارخانىلاردىن يىغىۋېلىنغان ھەق 44 مىليون 354 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن % 34 ئاشقان ؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېلېكتىر كۈچى كارخانىلىرىدىن يىغىۋېلىنغان بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھەققى 172 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىكى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھەققى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن .

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368057281