سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدىكى ئۈچ دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-06

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئورگىنىدىكى بارلىق سوتچىلار، كادىرلار قەسەم بەرمەكتە.

     4-دېكابىر ــ دۆلىتىمىزنىڭ تۆتىنچى «دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى». بۇ كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئورگىنىدىكى بارلىق سوتچىلار، كادىرلار تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە «ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشىنى كۈچەيتىش » تېمىسىدىكى ئاممىغا ئېچىۋېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، 30 نەچچە نەپەر مەھەللە كومىتېتى كادىرىنى سوت مەھكىمىسىگە تەكلىپ قىلدى، ئۇلار بۇ يەردە سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشەندى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتىنى ئاڭلىدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368057181