سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-06

    شىنخۇا تورى خەۋىرى : يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 90 مىڭ توننا بولغان ئۈرۈمچى «دۇڭلەيشۈن» كۆمۈر كېنىنى تاقىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل جەمئىي 114 كۆمۈر كان تاقالدى، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 11 مىليون 630 مىڭ توننا كېمەيتىلىپ، بۇ يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتىش ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

    «شىنجاڭنىڭ 2017 -يىللىق كۆمۈر كەسپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى ھەل قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 113 كۆمۈر كاننى تاقاپ، 11 مىليون 600 مىڭ توننا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىشنى پىلانلىغان. 2016 -يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل 17 كۆمۈر كان تاقىلىپ، 2 مىليون 380 مىڭ توننا يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كېمەيتىلىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقنتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتىش ۋەزىپىسى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەنىدى.

    شىنجاڭ ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىكى خىزمەتچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتىشكە ئەزا ئورۇنلار يېقىندا ئالاقىدار ۋىلايەت، (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتىشكە ئەزا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە يەتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 2017-يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە 2016-يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتىش خىزمىتىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368057161