سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن شىنجاڭدىكى ئون شەخس مەيدانغا كەلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-06

    شىنخۇا تورى خەۋىرى : ياخشى ئىش قەلبلەرنى ئويغىتىدۇ، ئېتىقاد سەپەرنى يورۇتىدۇ. شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنخۇا تورى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ تورى ئۆتكۈزۈشنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالغان «جۇڭگو تور ئىشلىرى-شىنجاڭدىكى ئۈلگىلەر» تېمىسىدىكى 2017-يىلى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخسنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىىسى 3-دېكابىر ئېلان قىلىندى. پەن يۈليەن، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن، قۇربان نىياز، نىياز خىياز، ليۇ يۈەن، داۋا نامۇجىل، پاتەمخان بارات، ۋاڭ چېڭباڭ، مەدىنبېك مۇراتقان، ۋاڭ جياڭتاۋدىن ئىبارەت ئون كىشى بۇ شەرەپكە نائىل بولدى.

    «جۇڭگو تور ئىشلىرى - شىنجاڭدىكى ئۈلگىلەر» نى باھالاش پائالىيىتى 20-ئاپرېل باشلانغاندىن بۇيان، يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە، ۋىلايەت، ئوبلاستلار نامزات كۆرسىتىش، ئىش - ئىزلىرىنى نامايان قىلىش، توردا بېلەت تاشلاش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش ھالقىلىرىدىن كېيىن، 43 نامزات ئىچىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئون كىشى 2017-يىللىق «شىنجاڭدىكى ئۈلگىلەر» بولۇپ تاللاندى.

    باھالاش تەشكىلىي كومىتېتى 27-دېكابىر ئۈرۈمچىدە «جۇڭگو تور ئىشلىرى-شىنجاڭدىكى ئۈلگىلەر» نى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئون شەخسكە مۇكاپات تارقىتىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368057021