سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كەڭرى جاھان ھەممىگە قۇچاق ئاچتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-06

شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭلىق ئىشچىلار يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى

4-دېكابىر قاغىلىق ناھىيەسىدىن كەلگەن ئىشچى شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا سۇيۇقلۇق تەييارلاش مەشغۇلات قائىدىسىنى ئۆگەنمەكتە.

    بۇ يىل 4 – ئايدىن بۇيان، كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قەشقەر، خوتەندىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 180نى قوبۇل قىلىپ، ‹‹ئېلىپ قېلىش، ياخشى ئىشلىتىش، ھەقىقىي كۆيۈنۈش، قاتتىق تەلەپ قويۇش›› قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ‹‹2 – يۇرتى›› نىڭ غوللۇق قۇرغۇچىلىرىغا ئايلىنىپ، شەھەرگە ئۆزلىشىپ، يىلتىز تارتىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    چىرايلىق ئۆزگىرىش: دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئۆزگىرىش

    11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ توقۇمىچىلىق 2 – سېخىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشچى ئارزىگۈل ئابلا ئۈسكۈنىدە پىششىق مەشغۇلات قىلغاچ، ئارىلاپ – ئارىلاپ خاتىرىسىگە بىرنەرسىلەرنى يېزىۋاتاتتى.

    ئارزىگۈل ئابلا قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تېتىر يېزىسى رامزانبازار كەنتىدىن بولۇپ، 2013 – يىلى شاڭخەي پۇل مۇئامىلە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، دېھقانچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئارزىگۈل ئابلا سىرتقا چىقىپ ئىشلەش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ ئۆزىنى تىزىملاتقانىدى.

    پويىزدىن چۈشكەندىلا ئىللىقلىق ھېس قىلغانىدىم، كارخانىغا كىرگەندىن كېيىن، كارخانىنىڭ بىزگە قىلغان چەكسىز غەمخورلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. كارخانا يېنىمىزدا ئارتۇق پۇل – پۈچەك يوقلۇقىنى ئويلىشىپ، ھەر بىرىمىزگە 1000 يۈەندىن تۇرمۇش پۇلى تارقاتقانىدى، يەنە ئۆيىنى سېغىنىپ قالمىسۇن دەپ، تۇغۇلغان كۈنلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈپ بەردى ۋە بايراملىرىمىزنى تەبرىكلىدى، مەن چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ ۋە ئۆگىنىپ، كۆپچىلىككە جاۋاب قايتۇرىمەن، دېدى ئارزىگۈل ئابلا نەچچە ئايدىن بۇيانقى ئىشلارنى ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلەپ.

    ھازىر ئارزىگۈل ئابلا ئايدا 4000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىدىكەن. ئارزىگۈل ئابلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 180 ئىشچى تۆت ئايدىن كۆپرەك تەربىيەلىنىش ۋە پىراكتىكىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىش ئورنىغا چىقىپ، بىخەتەرلىك – مۇھىت ئاسراش بۆلۈمى، ئىشلەپچىقىرىش – تېخنىكا بۆلۈمى، ئېنېرگىيە مەركىزى، توقۇمىچىلىق سېخى قاتارلىق ئورۇنلارغا تەقسىم قىلىنىپتۇ ۋە رەسمىي ئىشچى – خىزمەتچىلەر تەمىناتىدىن بەھرىمەن بوپتۇ.

    فۇلىدا شىركىتى كادىرلار – كارخانا باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ لياڭ مۇنداق دېدى: بىز خىزمەت ۋە ئىش ئورنىغا قاراپ مائاش تارقىتىمىز، جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشچىلار 4100 يۈەندىن 5300 يۈەنگىچە مائاش ئالىدۇ.

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئارزىگۈل ئابلاغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ياشنى دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ.

    ئارزىگۈل ئابلا مۇخبىرغا بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: ماڭا ئوخشاش ياشلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇلارنى قوللاش ئۈچۈن، شىركەت تىرىشچان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئالىي مەكتەپتە مائاشلىق ئوقۇتۇشقا پائال تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، كىشىلىك ھاياتىمنىڭ يېڭى پەللىسى باشلىنىدىغان بولدى.

    غەمخورلۇقتىن بەھرىمەن بولۇش: كەلگۈسى گۈزەل ئارزۇ

    11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە، فۇلىدا شىركىتىنىڭ سۇ بىرتەرەپ قىلىش ئىشچىسى ھەۋزىخان مەمەت زاۋۇت رايونىغا ئانچە يىراق بولمىغان ‹‹ئالتۇن قۇياش›› يەسلىسىگە كەلدى، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىمران روزى بۇ يەسلىدە ئىدى.

    كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى باغقۇم كەنتىدىن كەلگەن 25 ياشلىق ھەۋزىخان مەمەت بىلەن ئېرى روزى مەتتۇرسۇننىڭ باشقا ھۈنىرى بولمىغاچقا، ئىزچىل دېھقانچىلىق قىلىۋاتقانىدى. بۇ يىل 3 – ئايدا ھەۋزىخان مەمەت بىلەن ئېرى يەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەقسىز تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، فۇلىدا شىركىتىدە ئىشلىمەكچى بولدى. بىر ئايدىن كېيىن ئەر – خوتۇن ئىككىسى كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا بېرىپ ئىشلەش ئۈچۈن پويىزغا چىقتى.

    روزى مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىز فۇلىداغا ئىشلىگىلى كەلدۇق، ھۆكۈمەت بىزگە پويىز بېلىتى ئېلىپ بەردى، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇردى، يەنە بىزنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان مەخسۇس كادىر ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزدىن خەۋەر ئالدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە بەك كۆڭۈل بۆلدى.

    جەنۇبىي شىنجاڭلىق ئەر – خوتۇن ئىشچىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئۆيدە قوش كىشىلىك كارىۋات، كىيىم ئىشكاپى، ئۈستەل، تېلېۋىزور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى. ھەۋزىخان مەمەت خۇشال ھالدا: مەن بۇ جاينى بەك ياخشى كۆرىمەن، خۇددى ئۆيىمىزگىلا ئوخشايدۇ، ئۈلۈشكۈن ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن 2 – قىزىمنىمۇ ئەكېلىۋالدىم، دېدى.

    فۇلىدا شىركىتىدە ئىشلىگىلى كەلگەن 180 ئىشچى ئارىسىدا 32 جۈپ ئەر – خوتۇن بار، ‹‹ئالتۇن قۇياش›› يەسلىسىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشچىلارنىڭ بالىلىرى يەسلى مائارىپى تەربىيەسى ئالىدۇ.

    مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولغان ھەۋزىخان مەمەت كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇش توغرىسىدا يېڭى ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، زاۋۇت رەھبەرلىكى ياتاق – تاماقتىن تارتىپ، يوتقان – كۆرپىگىچە چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. سىرتقا چىقىپ ئىشلەش بىزگە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. مەن بۇ شەھەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن، يەتكۈدەك پۇل تېپىپ، ئۆي سېتىۋېلىپ، بۇ شەھەرگە ماكانلىشىمىز.

    قوشماقلىشىپ يۆلەش: چوڭقۇر ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش

    11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتە فۇلىدا شىركىتى يىپەك ئېگىرىش سېخىنىڭ دەم ئېلىش ئۆيىدە، ئىبراھىم ئابدۇرېھىم ئۆزى بىلەن قۇرداش ئۇستازى ياڭ خۇشەن بىلەن خىزمەت تەسىراتلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئىبراھىم ئابدۇرېھىم ئۇقمايدىغان مەزمۇنلارنى خاتىرىلىۋېلىش ئۈچۈن يانچۇقىدىن خاتىرىسىنى چىقارغاندا، ياڭ خۇشەن ئۇنىڭغا كەسپىي ئاتالغۇلارنى پىنيىنچە ئېيتىپ بەردى.

    30 ياشلىق ئىبراھىم ئابدۇرېھىم مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسى كونا چوڭقۇرچاق كەنتىدىن كەلگەنىدى، ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئىلگىرى ئالتە مو يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلغاچقا، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى. بۇ يىل 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى مارالبېشى ناھىيەسى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللىگەندە، ئائىلە ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش كويىدا يۈرگەن ئىبراھىم ئابدۇرېھىم كورلىغا كەلدى.

    فۇلىدا شىركىتىگە كىرگەندىن كېيىن، سېختىكى پېشقەدەم ئىشچى ياڭ خۇشەن ئىبراھىم ئابدۇرېھىمغا ئۇستاز بولدى. ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ياردىمىدە ئىبراھىم ئابدۇرېھىمنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەسى ۋە مەشغۇلات ماھارىتى كۈندىن – كۈنگە ئۆستى.

    ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە قارىتا ئىبراھىم ئابدۇرېھىم باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە تونۇشقا ئىگە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىرتقا چىققاندىلا، ئاندىن قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىكەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلىغاندىلا، ئاندىن قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تېز ئىلگىرىلىگىلى بولىدىكەن.

    فۇلىدا شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭلىق ئىشچىلارغا غەمخورلۇق قىلغاچقا ۋە كۆيۈنگەچكە، ئىبراھىم ئابدۇرېھىم مۇشۇنداق تونۇشقا كەلگەنىدى. بۇ شىركەت تۈرلۈك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خەنزۇ ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئۆزئارا تونۇشتۇردى، ‹‹قوشماق بولۇش، تېخنىكا ئۆگىنىش، ياردەملىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش›› تېمىسىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە تېز ئۆزلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

    ئىبراھىم ئابدۇرېھىم بىلەن ياڭ خۇشەننىڭ ھېكايىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشچىلار بىلەن يەرلىك ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ھازىر فۇلىدا شىركىتىدىكى پېشقەدەم ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قوشماقلىشىپ يۆلەش پائالىيىتى پۈتۈن شىركەتنى قاپلىدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368051561