سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىشلەپ، دىققەتنى نامراتلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-05

    لى پېڭشىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :

 خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىشلەپ، دىققەتنى نامراتلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

   ئاپتونوم رايون 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى لايىھەسىنى دەل، توغرا تۈزۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن مەخسۇس گۇرۇپپىغا مەسئۇل 16 يولداشنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىشلەپ، دىققەتنى دەل جايىدا بولۇشقا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، دەل جايىدا بولۇشنى كەنتكىچە، ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ‹‹لايىھەسى›› ۋە ‹‹ئىش خەرىتىسى››نى تۈزۈپ، كۈچلۈك، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى دەل جايىدا تۈزۈپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، 192 ئېغىر نامرات يېزا – بازار، 1962 ئېغىر نامرات كەنت، 1 مىليون 627 مىڭ 500 ئېغىر نامراتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى يىغىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش ئاساسىدا، سەۋەبىنى دەل جايىدا تېپىپ، نامرات ئائىلىلەردە ‹‹ئالتە بولۇش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش››، نامرات كەنتلەردە ‹‹ئۈچ راۋان، يەتتە بولۇش››، نامرات يېزا – بازارلاردا ‹‹بەش بولۇش›› ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇپ، نامراتلىشىش سەۋەبىنى دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاپ، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا قوللىنىش كېرەك. دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن رايونلار تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، رايون تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش لايىھەسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، نامراتلارنى يۆلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، رايون مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بولمايدۇ.

    لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن ئۆز قەرەلىدە قۇتۇلدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە كۆڭۈل قويۇپ، ئۇنى چىن، ئەمەلىي تۇتۇپ، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسى››نىڭ روھىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى، ‹‹بار›› بىلەن ‹‹ياخشى››نىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىنى خالىغانچە تۆۋەنلەتمەي ياكى ئۆستۈرمەي، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. سىياسەت خاراكتېرلىك كاپالەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتتىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈش ئاساسىدا، دىققەتنى كەسىپلەر تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 1 – كەسىپتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، 3 – كەسىپتە ھەمتۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپلەر ۋە تارماقلارنىڭ ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك لايىھە تۈزۈش كېرەك. خىزمەتتە كۈچنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ھۆرمەتلەپ، قوللاپ، ئاسراپ ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىش قىلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ نامرات ئامما ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى مۇستەھكەم ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368023351