سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى‹‹كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر›› نى بېسىپ تارقاتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-05

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

    ‹‹كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر›› نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

    كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئىشلىرىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىدىغان ئاپپارات. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى قۇرۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەنبەسىدىن چەكلەپ، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولغا ئىگە. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونومىيە مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە نازارەتنى كۈچەيتىپ، يېزا، كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تەلىپى ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلىي قانۇنى››دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھازىر كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكى يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنى قۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى ۋە كەنتنىڭ كوللېكتىپ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، باشتىن – ئاخىر كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق ئورنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە يولغا قويۇش؛ ئورنىنى ئېنىق بېكىتىش، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئاپتونومىيە مېخانىزمى ۋە كەنت خىزمىتى ھەرىكەت مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەللىشىشى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدىغان ئاساسلىق شەكىل؛ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، كەنت دەرىجىلىك ئىشلارنىڭ ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

    ئىككىنچى، تەركىبىدىكى خادىملار. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ئادەتتە ئۈچتىن بەشكىچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، بىر مۇدىر تەيىنلىنىدۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولمىغان كەنت پارتىيە تەشكىلاتى بەنزىسىنىڭ ئەزاسى ياكى پارتىيە ئەزاسىنىڭ مۇدىر بولۇشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتىمەيدۇ. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنىدا كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىرقەدەر ياخشى ئىدىيەۋى – سىياسىي ساپاغا ئىگە بولۇشى، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، ئادىل – ۋىجدانلىق بولۇشى، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشى، بەلگىلىك سىياسىي سەۋىيە ۋە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىشى، ئارىسىدا مالىيە ۋە باشقۇرۇش بىلىمىگە ئىگە خادىملار بولۇشى كېرەك. يېزا – بازارلىق پارتكوم، كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئادەم تاللاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، كەنت بوغالتىرى (كەنت ھېساباتىنى ئۆتكۈزگۈچى)، كەنت كاتىپى، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولسا بولمايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى بېكىتسە ياكى ئەۋەتسە بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى، ھوقۇق دائىرىسى. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى: كەنت ئىشلىرى، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نازارەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالاقىدار پىكىر – تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە توپلايدۇ. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ھەم ئۇنىڭ ئەزالىرى تۆۋەندىكىدەك ھوقۇققا ئىگە: (1) ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى. كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنى ھەم كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىرلەشمە يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ئەھۋال ئىگىلەيدۇ. (2) سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان كەنت ئىشلىرى، مالىيە ئىشلىرى مەسىلىلىرىنى سۈرۈشتۈرىدۇ ھەم ئالاقىدار تەرەپلەرنى كەنت ئاھالىلىرىگە چۈشەنچە بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. (3) تەكشۈرۈش ھوقۇقى. مالىيەنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ. (4) تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى. كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا كەنت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا يېزا – بازارلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى قانۇن ۋە ئىنتىزام بويىچە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، كونكرېت، ئادىل نازارەت قىلىدۇ، كەنت ئىشلىرى توغرىسىدا كونكرېت تەدبىر تۈزۈش ۋە باشقۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتناشمايدۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ئارىلاشمايدۇ. (5) دېموكراتىك باھالاشقا رىياسەتچىلىك قىلىش ھوقۇقى. كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى شۇنىڭدەك كەنت ئاھالىلىرى ياكى كەنت كوللېكتىپى ئىش دەخلى تولۇقلىمىسىنى زىممىسىگە ئالغان تەكلىپلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى دېموكراتىك باھالايدۇ، بۇنىڭغا كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

    تۆتىنچى، نازارەت قىلىدىغان مەزمۇنلار. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى بىرنەچچە جەھەتتىكى نازارەتچىلىكنى نۇقتىلىق كۈچەيتىشى كېرەك: (1) كەنت ئىشلىرىغا ئالاقىدار تەدبىر ۋە ئۇنى ئاشكارىلاش ئەھۋالى. ئاساسلىقى كەنت ئىشلىرىغا ئالاقىدار تەدبىرنىڭ بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە يولغا قويۇلغان – قويۇلمىغانلىقى، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ ئومۇميۈزلۈك، چىن، ۋاقتىدا بولغان – بولمىغانلىقى، قېلىپلاشقان – قېلىپلاشمىغانلىقى. (2) كەنت دەرىجىلىك مال – مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش ئەھۋالى. ئاساسلىقى كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان كەنت كوللېكتىپ مەبلىغى، مۈلكى ۋە بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى، كەنت دەرىجىلىك باشقا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى. (3) كەنت قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى. ئاساسلىقى ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، خامچوت ۋە نەق چوت، قۇرۇلۇش قىلىش، سۈپەت تەكشۈرۈش ئەھۋالى. (4) دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت – تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى. ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىش، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكى تولۇقلىما مەبلىغىنى تارقىتىش، يېزا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تارقىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار. (5) يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئەھۋالى. ئاساسلىقى مەدەنىي يېزا ئىستىلى بەرپا قىلىش، مەدەنىي كەنت – بازار بەرپا قىلىش، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونومىيە نىزامنامىسى ۋە كەنت ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار. (6) نازارەت قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

    بەشىنچى، خىزمەت ئۇسۇلى. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە نازارەتچىلىكنى يولغا قويىدۇ: (1) پىكىر توپلايدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان نۇقتىلىق خىزمەت ھەم كەنت قارار قىلغان زور ئىشلار بويىچە، ئەرز قىلىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش، ئالدىغا بېرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پىكىر – تەكلىپ توپلاپ، نازارەت قىلىدىغان ئىشلارنى بېكىتىدۇ. (2) تەكلىپ بېرىدۇ. نازارەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۆرىدەپ، توپلىغان پىكىرلەرنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، خىزمەت تەكلىپى بېرىدۇ. (3) ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىدۇ. نازارەت قىلىدىغان ئىشلارنى تولۇق نازارەت قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقايدۇ ۋە تۈزىتىدۇ. بايقالغان خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىش، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق قانۇن ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتى، يېزا – بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ. (4) قايتما ئىنكاسنى ئېلان قىلىدۇ. ئاشكارىلاش تاختىسىغا چىقىرىش، يىغىن ئېچىش، ئايرىم پىكىرلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نازارەت قىلىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى قايتما ئىنكاسنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ئادەتتە پەسىلدە بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئېچىپ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى رەتلەپ خۇلاسىلەپ، مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتىغا يېرىم يىلدا بىر قېتىم دوكلات قىلىشى، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى؛ خىزمىتىنى كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنىغا يىلدا بىر قېتىم دوكلات قىلىشى، كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالىشى كېرەك.

    ئالتىنچى، باشقۇرۇش، باھالاش. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى تەربىيەلەش پىلانلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى تەربىيەلەشكە ناھىيە، باشقا ئەزالارنى تەربىيەلەشكە يېزا – بازار مەسئۇل بولىدۇ. يېزا – بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ئەزالىرىنى دائىملىق تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى پائال كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ساپاسىنى ئاشۇرۇشىغا ۋە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى، يېزا – بازار ھەر يىلى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالىشى، باھالاشتا ئىلغار بولغانلارنى مۇۋاپىق مۇكاپاتلىشى، ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغانلارغا تەنقىدىي تەربىيە بېرىشى، ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك. چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ئەزالىرىدىن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا كۈچىمەي، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىرىنى كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش كېرەك؛ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەن، ئىككى يىلدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەن، جىنايى جازا بېرىلگەن، دېموكراتىك باھالاشتا ئۇدا ئىككى قېتىم خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان، دەپ باھالانغانلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلىشىدۇ.

    يەتتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئادا قىلىشى، كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويۇشى، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلات تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇشى، خەلق ئىشلىرى، پارتكوم يېزا خىزمىتى ئۇنىۋېرسال تارماقلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ئورتاق قاتنىشىشى، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئالاقىدار ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ماسلاشمايدىغان، قوللىمايدىغان، توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان، ھەتتا كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا زەربە بېرىپ، ئۆچ ئالىدىغان قىلمىشلارنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش، تۈزىتىشكە بۇيرۇش، قىلمىشى ئېغىر بولغان ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن – ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرۈش؛ كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ئەزالىرىدىن نازارەت قىلىش خىزمىتى ھوقۇقى ئارقىلىق شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلگەن، شەخسىي ئۆچىنى ئالغان، پىرىنسىپسىز تالاش – تارتىش قىلغان، زىددىيەت پەيدا قىلغانلىرىغا ۋاقتىدا ئەسكەرتىش، تەنقىدىي تەربىيە بېرىش، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئالاقىدار تەرتىپ بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇش ھەم قانۇن – ئىنتىزام بويىچە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى، كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئۇنى قوللىشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368023181