سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-05

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت سۆزى توغرىسىدا(3)

    ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

    جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزىگە يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچى بولۇپ، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ غايىسى ھەم جاسارىتىنى نامايان قىلدى.

    ئىلگىرىكىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ؛ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ؛ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە ‹‹ئۈچ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش›› ئارقىلىق كىشىلەرگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. بۇ مەردانە سۆز، تەۋرەنمەس ئىرادە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كەڭ دۇنياۋى نەزەر دائىرىسى، دۇنياغا بولغان چوڭقۇر رىشتىسى ۋە كۈچلۈك دەۋر مەسئۇلىيىتىنى جانلىق سۈرەتلەپ بەردى.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە. باش شۇجى شى جىنپىڭ: چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك، دەپ قايتا – قايتا تەكىتلىدى. قانداق بولغاندا چوڭ دۆلەت، چوڭ پارتىيە بولىدۇ؟ بۇ، يۈكسەك ئىرادە بولۇش، زور قۇرۇلما بولۇش، زور مەنزىل بولۇش، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، دېگەنلىك. يىغىنچاقلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە جاكارلىغاندەك: ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىلغان بارلىق ئىشلار جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى كۆزلەش ئۈچۈن››دۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، پارتىيەمىز بۇنى بۇرچ بىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، تارىخ سەھىپىسىدە ئارقىمۇ ئارقا مۆجىزە يارىتىپ، دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ سىياسىي تارىخىدا ئىدارە قىلىشنىڭ ئاجايىپ نەتىجىلىرىنى ياراتتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە يەنە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىش، ئۆز ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەم بۇنىڭدىن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىشكىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چەت ئەل ئەندىزىسىنىمۇ ‹‹كىرگۈزمىدى›› ھەم جۇڭگو ئەندىزىسىنىمۇ ‹‹سىرتقا چىقارمىدى››، باشقا دۆلەتلەردىن جۇڭگو ئۇسۇلىغا ‹‹تەقلىد قىلىش››نى تەلەپمۇ قىلماي، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچى ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ياراتتى.

    100 نەچچە يىلدىن بۇيان، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ‹‹قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش››، ‹‹ھەممە مەۋجۇدات ئۆم ئۆتۈش››تەك مەدەنىيەت روھىغا ئەمەل قىلىپ، تىنچلىقنىڭ قىممەتلىكلىكىنى، تەرەققىياتنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، باشتىن – ئاخىر تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو قانچە تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تاپقانسېرى دۇنيا تىنچلىقى بىلەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇستەھكەم كۈچكە ئايلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىشى دۇنيا تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىشەنچ بىلەن قەتئىي ئىرادىنى نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ بىز بىلەن بىللە ‹‹دۇنيا تىنچلىقىنى قۇرغۇچى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچى››لاردىن بولۇپ، ‹‹دۇنيا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش››نى تەشەببۇس قىلىشى دۇنيا تىنچلىقى بىلەن تەرەققىياتىنى قوغدايدىغان كۈچنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تىنچلىق مەشئىلىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشتۇر.

    مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتىن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن دۇنياۋى نەزەر تىكلەپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى ياراتقان مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئاكتىپ ئۆگىنىش، ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىش ھەم ئۇنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى تەكىتلەپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىشى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتىگە تۇتقان كەڭ قورساق پوزىتسىيەنى نامايان قىلىدۇ، ‹‹مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئارازلىقىدىن ھالقىش، مەدەنىيەتنى ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيەت توقۇنۇشىدىن ھالقىش، مەدەنىيەتتە ئورتاق مەۋجۇت بولۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن ھالقىش›› دەيدىغان يۈكسەك ئىنتىلىشنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. تارىخ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى تەڭ جۇلالىنىشقا، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى ئىناق ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ، بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلىشقا چاقىرماقتا.

    يېڭى دەۋرگە قەدەم تاشلاپ، يېڭى مۇساپىنى باشلىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيا ئەھلى بىلەن دوست بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، داۋاملىق تىرىشىشنى خالايدۇ.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېگراممىسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368023171