سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئۇقتۇرۇش›› تارقىتىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2–تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-05

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹< شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا > ناملىق كىتابىنىڭ 2-تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› نى تارقىتىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغاشنى تەلەپ قىلدى.

    ‹‹ئۇقتۇرۇش›› تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە جەزمەن ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. رەئىس شى جىنپىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق بەرپا قىلغۇچىسى بولۇپ، بۇ ئىدىيەنىڭ بەرپا قىلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى، ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتىكى ئەمەلىي تەدبىر.

    ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ئالدىدا مېڭىش ئۆلچىمى بىلەن، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى ۋە ئالدىدا نەشر قىلىنغان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەم پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق قىلىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى ئەينەن ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىدا، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلار ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

    ‹‹ئۇقتۇرۇش›› تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنى پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەزەرىيەدە نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىنىشى، قىسىمنىڭ ئىدىيە، سىياسىي تەربىيەسى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىي تەلىپىنى، بۇ ئىدىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە بولغان سىياسىي ئېتىقادنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ماركسىزملىق سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەتراپلىق ئۆگىنىش ئاساسىدا، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى گەۋدىلىك ئۆگىنىپ، ‹‹شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا››نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيە سىستېمىسى ۋە جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتەك ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹راستچىل بولۇش ئاچقۇچ›› دېگەن تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يادرونى قوغداش، نوپۇزنى قوغداش، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قوغداش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق ھەم ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹سەككىز خىل ماھارەت››نى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بۇرچ – ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىكى ئىقتىدار ۋە ساپانى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرگە ياخشى تەشۋىق قىلىپ ۋە كونسۇلتاتسىيە قىلىپ، قىسىمنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368023091