سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ جاراڭلىق مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-05

    يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ جاراڭلىق مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى

    ‹‹جۇڭگوئارزۇسى›› ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

    جۇڭگو ئارزۇسى مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ جاراڭلىق مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

    بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

    ھازىر يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىمىز تېخىمۇ ئېنىق، ئارزۇغا يېتىش ئاساسىمىز تېخىمۇ پۇختا. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىليونلىغان خەلق توختىماي كۈرەش قىلىپ، قەتئىي بوشاشماس روھىي ھالىتى ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈرەش ھالىتى بىلەن، مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلىمەكتە.

    يېڭى مېلودىيە يېزىش: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردىكى ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇساپىسىنىڭ مېلودىيەسى بېكىتىلدى

    شاڭخەيدىكى تارىخىي كوچا ‹‹شىڭيې›› يولىغا جايلاشقان قىزىل تاملىق شىكۇمېن قورۇسىنىڭ ئالدىدا ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ يىل قىش بۇ جايدا ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا قايتا سايلانغان شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈردى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

    ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايمىز، چۈنكى كۆڭلىمىزگە ئارزۇ پۈكۈلگەن.

    بەش يىل ئىلگىرى دۆلەت مۇزېيىدىكى ‹‹گۈللىنىش يولى›› ئاساسىي كۆرگەزمە زالىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئوخشاشلا پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ پائالىيەت قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تۇنجى قېتىم شەرھلىگەنىدى.

    ئەسلىي مەقسەت 96 يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمىدى، ئارزۇ ئۇچقۇنى پۈتۈن جۇڭگو زېمىنىدا يانغىنغا ئايلاندى؛ بەش يىلدىن بۇيان ئارزۇ مەشئىلىنىڭ نۇرى كۆزىمىزنى قاماشتۇرۇپ كەلمەكتە.

    ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق كەلگۈسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

    ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا يېڭى ئىدىيە يېڭى دەۋرنى يورۇتتى.

    ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ئېكۋادوردا 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك كىتو خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى باشلاندى.

    يېڭىلا نەشردىن چىققان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنىڭ خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە نەشرى تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە تارقىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، جۇڭگو كىتاب كۆرگەزمىسى ئورنىدا كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

    ئېكۋادور مەدەنىيەت ۋە مىراس مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى پاترىسىئو: ‹‹بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئەندىزىسىنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى›› دېدى.

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيە بايرىقىغا يېزىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋر ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەندى ___

    سەككىزنى ‹‹ئايدىڭلاشتۇرۇش›› ئارقىلىق قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭقۇر شەرھلەندى؛ 14 ئاساسىي تەدبىر ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىلىق پىلانلاندى؛ ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇنچىللىق، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ھەرقايسى ساھەلەرنى بىر – بىرىگە باغلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ساھەلەرنى قاپلىدى...

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فېڭ جۈن: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش،قانداق يولدا مېڭىش، قانداق كۈرەش نىشانىغا يېتىش قاتارلىق زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى، دېدى.

    ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا يېڭى ئىستراتېگىيە يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى.

    ‹‹بەيدۇ›› شىركىتىنىڭ ‹‹ئاپتوماتىك ھەيدەش›› تېخنىكىسى، ‹‹ئەلى بابا›› بۇلۇتىنىڭ ‹‹شەھەر مېڭىسى››، ‹‹تېڭشۈن›› شىركىتىنىڭ ‹‹تەسۋىرلىك داۋالاش›› تېخنىكىسى... 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتلىك يېڭى ئەۋلاد سۈنئىي ئاقىل ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.

    ‹‹بەيدۇ›› شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى يەنخۇڭ: ئەسلىدە 2020 – يىلىغا بارغاندا شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارماقچى ئىدۇق. ھازىر بۇ پىلاننى ئالدىغا سۈردۇق، دېدى.

    كۆلدىكى سۇنىڭ ھارارىتىنى ئاۋۋال ئۆردەك بىلىدۇ. ئەڭ سەزگۈر بازار سۇبيېكتلىرى كۆپىنچە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى ھەممىدىن ئاۋۋال تۇتالايدۇ.

    يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى... 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە. زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىن سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشقىچە؛ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقىچە؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكىچە... پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى ئەتراپلىق تۈزۈلدى.

    ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا يېڭى نىشان يېڭى مەنزىرىنى نامايان قىلدى.

    11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 38 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، شاڭخەي پۇدۇڭ ئايروپورتىنىڭ تۆتىنچى ئۇچۇش – قونۇش يولى.

    موتورنىڭ كۈچلۈك گۈركىرىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز ئۆزى مۇستەقىل لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان ‹‹ C919›› بەلگىلىك چوڭ ئايروپىلان بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، 2 سائەت 24 مىنۇتتا 1300 نەچچە كىلومېتىر ئۇچۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىئەنگە بېرىپ، تۇنجى قېتىم شەھەرلەر ئارا ئۇچۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

    ئارزۇلىرىمىز قاناتلىنىپ، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشتەك مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولماقتا.

    2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدۇ؛ 2035 – يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا دۆلىتىمىز باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

    ‹‹C919›› بەلگىلىك چوڭ ئايروپىلان بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن كۈنى، 1000چاقىرىم يىراقلىقتىكى ۋىيېتنامنىڭ داناڭدا رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا – سانائەت باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

    ‹‹كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۆزلەپ، يېقىن ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى ۋەزىيەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى››.

    35 مىنۇتلۇق سۆزگە 17 قېتىم قىزغىن چاۋاك چېلىندى. جۇڭگونىڭ ساداسى دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، جۇڭگو ئارزۇسى دۇنيا ئارزۇسى بىلەن تېخىمۇ چىڭ باغلاندى.

    رۇسىيە ‹‹مۇستەقىللىق گېزىتى››دە: شى جىنپىڭ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››دىن ئىبارەت ئۇزاق كەلگۈسى پىلاننى يولغا قويۇپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ يەر شارىنى ئىدارە قىلىشتىكى ھالقىلىق رول ئويناش ئىستىكىنى جاكارلىدى. جۇڭگو دۇنيانى زامانىۋىلىشىش يولىدىكى پۈتۈنلەي يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ قارالدى.

    ئىرادىلا بولىدىكەن، يەتمەكچى بولغان مەنزىل يىراق ئەمەس. ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن يېڭى جەمئىيەت بەرپا قىلىندى.

    ھازىر بىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا يېتىشكە مىسلىسىز يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارىغا ۋە ئىشەنچىگە مىسلىسىز ئىگە بولدۇق.

    جياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلىنىڭ سۈپسۈزۈك سۈيىدە قىزىل كېمە ئاۋۋالقىدەك تۇراتتى.

    ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ‹‹بەيخۇا›› مەھەللىسىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان 90 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچى جۇ يادۈەن ئۆيىدە 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى سۆز – جۈملىلەرنى ئەستايىدىل خاتىرىلەۋاتاتتى. بوۋاينىڭ ھەر بىر خېتىدە يېڭى دەۋرگە بولغان ئىشەنچى ۋە يېڭى دەۋردىن كۈتىدىغان ئۈمىد – ئارزۇلىرى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى ___

    ‹‹پارتىيە خەلقنى باشلاپ مېڭىپ، نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمىدى. ھازىر باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك، كونكرېت پىلانلىدى، نەتىجىدە ئارزۇغا يېتىش يولى بارغانسېرى ئايدىڭلاشتى، ئارزۇغا يېتىش سەھنىسى بارغانسېرى كېڭەيدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ!››.

    كۈچلۈك دەۋر ساداسى ياڭرىتىلدى: جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى

    ۋاقىت ئۇلۇغ خاتىرىلىگۈچى.

    بەش يىل، 60 ئاي، 1825 كۈن، 43 مىڭ 800 سائەت، ئارزۇ ئەمەلگە ئاشقان ھەر بىر ئۇلۇغ دەقىقە پۈتۈلۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى قالتىس، ئۇلۇغ مۇساپىلەر خاتىرىلەندى.

    بەش يىللىق تەرەققىيات خاتىرىلىنىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىددەتلىك سۈرئىتىگە شاھىت بولدى.

    11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى سائەت 17 دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالتۇن رەڭ لېنتا ئېسىلغان ئوقپويىز جېجياڭنىڭ ساڭنەندىن يولغا چىقىپ، ئاخىرقى نۇقتىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.

    شۇ كۈنىدىن باشلاپ، ‹‹گۈللىنىش›› ناملىق ئوقپويىزنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىلىپ، ناھايىتى تېز قاتناۋاتقان ئوقپويىزلار بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسىدىكى كۆپلىگەن شەھەرنى زىچ تۇتاشتۇردى.

    ئۈلگە ئېلىشتىن يېڭىلىق يارىتىشقىچە، ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئالدىدا مېڭىشقىچە، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىدىن جۇڭگو ئىجادىيىتىگىچە، دۇنيانى كەينى – كەينىدىن ھەيران قالدۇرۇۋاتقان جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۇنيانى باشلاپ ئالدىدا مېڭىپ، ‹‹جۇڭگو سۈرئىتى›› ۋە ‹‹جۇڭگو ئۆلچىمى››نى يېڭىلاپ، زامان – ماكان قارىشىنى قايتا بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد خەرىتىسىنى قايتا لايىھەلەپ، چوڭ دۆلەتنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىشتىكى مەزمۇت قەدىمى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

    ئارزۇغا يېتىشكە ئاتلىنىش ___نامراتلىق، قالاقلىق بىلەن خوشلىشىشتىكى ‹‹ئېلىش بەلگىسى››: 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى يىل بېشىدا جىڭگاڭشەن، لەنكاۋ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە 26 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، 31 يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە نامرات ناھىيە سانىنىڭ تۇنجى قېتىم ساپ ئازىيىپ، نامراتلىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ، %4تىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

    ئارزۇغا يېتىشكە ئاتلىنىش ___ بېيىشقا يۈزلىنىشتىكى ‹‹قوشۇش بەلگىسى››: بەش يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %7تىن ئاشتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 80 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30تىن ئاشتى؛

    ئارزۇغا ئاتلىنىش ___ قۇدرەت تېپىشقا يۈزلىنىشتىكى ‹‹كۆپەيتىش بەلگىسى››: ‹‹ئەرش ئوردىسى›› ناملىق نىشان ئۇچقۇ ۋە بوشلۇق تەجرىبىخانىسى، ‹‹سۇ ئەجدىھاسى›› ناملىق ئادەملىك چۆككۈ، ‹‹ئەرش كۆزى›› ناملىق رادىيو تېلېسكوپ، ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ، ‹‹ موزى›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ، چوڭ ئايروپىلان، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كەينى – كەينىدىن قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو دۇنيا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى 25 قاتاردا تۇرىدىغان بىردىنبىر ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتكە ئايلاندى ...

    بەش يىللىق ئۆزگىرىشلەر خاتىرىلىنىپ، جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشنىڭ كۈچلۈك سالمىقىغا شاھىت بولدى.

    كۈز ئاخىرلىشىپ، قىش باشلانغان چاغ، چىڭخەي كۆلى بويىدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، سارغايغان چىملىقلاردىن پەسىل قۇشلىرى ئۇچۇپ ئۆتەتتى.

    كۆل بويىدا ئولتۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىسى ياڭ يۇلياڭ يىراقتىكى سۈرەتتەك مەنزىرىگە نەزەر سالغاچ: قۇشلار قەيەرنىڭ ئەڭ گۈزەل جاي ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، كۆل سۈيى تېخىمۇ سۈزۈكلەشتى، ئوت – چۆپلەر تېخىمۇ بولۇق ئۆستى، بىز ئەزەلدىن كۆرمىگەن بەزى قۇشلارنىڭ كۆل بويىدا ھەمىشە بەخىرامان ئۇچۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز، دېدى.

    بەش يىلدىن بۇيان، چىڭخەي كۆلى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش بويىچە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەردىكى قۇشلارنىڭ تۈرى 223 خىلغا كۆپەيدى، كۆلنىڭ كۆلىمى 17 يىلدىن بۇيان ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيدى.

    چىڭخەي كۆلى بويىدىكى قۇشلار بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو زېمىنىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھالبۇكى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ھازىرقى جۇڭگونىڭ جاسارەت بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان ھەيران قالارلىق غەيرىتى ۋە قەتئىي ئىشەنچىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

    ‹‹مىڭلىغان كىشىنى رەنجىتسىمۇ، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق››تەك جاسارەت بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق سىياسىي ئېكولوگىيە يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلدى. ‹‹تاغدا يولۋاس بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئەتەي تاغقا قاراپ مېڭىش››تەك جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرىدىغان تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى؛ ‹‹بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ›› دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بەش يىلدا 60 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك دۇنياۋى مۆجىزە يارىتىلدى...

    ئىتالىيەنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى گىئان ئې ۋالورى مۇنداق تەھلىل قىلدى: قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ بىر مۇھىم نامايەندىسى، بۇ خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سالماقلىق ۋە سۈرئەتتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدىن نامايان بولدى.

    بەش يىلدا خاتىرىلەنگەن مېھىر – مۇھەببەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىگە شاھىت بولدى.

    خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئەڭ ھاياتىي كۈچكە باي تەركىبىي قىسمى. مىللەتنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇساپىسىنىڭ ھەر بىر جەريانىغا يەنە سان – ساناقسىز شەخسنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىكى دەقىقىلەر مۇجەسسەملەنگەن.

    گەنسۇلۇق 19 ياشلىق يىگىت ۋېي شياڭ 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئەتىگەن چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىردى، ئۇ ئىلگىرى سان – ساناقسىز مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلغانىدى، ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى.

    ئىككى پۇتى تۇغما مېيىپ بولۇپ، ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغان ۋېي شياڭغا نىسبەتەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئىلگىرى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋېي شياڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئارزۇسىنى بارغانسېرى ئەمەلگە ئاشۇردى.

    ‹‹بالىلىق خۇددى چۈشتىكى رېئاللىققا، رېئاللىقتىكى چۈشكە ئوخشايدۇ، ئەسلىگەندە كۈلۈمسىرەش ئىلكىدە كۆزگە ياش كېلىدۇ. تۇرمۇشنىڭ قانچىلىك غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈشى ياكى تەننىڭ قانچىلىك مەجرۇھ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەمىشە ‹‹مۇھەببەت›› بىلەن ‹‹مېھىر›› بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش ھەقىقەتەن جاپالىق، لېكىن سىزدە تولۇق ئىشەنچ بولۇشى كېرەك!›› چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكىلەر ۋېي شياڭغا يازغان خېتىدە ۋېي شياڭ ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارنى شۇنداق رىغبەتلەندۈرگەنىدى.

    بەش يىلدىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، سەمىمىي بولغان، ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىغان جۇڭگو ئارزۇسى مىليونلىغان جۇڭگولۇقنى تولۇق ئىشەنچكە ئىگە قىلدى:

    پۇقرالارنىڭ ھەميېنى تومپايدى، كىشىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 7311 يۈەن ئاشتى؛

    قىيىنچىلىقى بار ئامما ئازادە ئۆيلەردە ئولتۇردى، 11 مىليون 260 مىڭ ئائىلە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى؛

    سىرتقا چىققاندىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى، سەككىز تۈرلۈك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى دېلوسىنىڭ سادىر بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى؛

    داۋالىنىش تېخىمۇ قولايلاشتى، ئائىلە دوختۇرلىرى پۇقرالارنىڭ ئائىلىسىگە كىردى...

    بەش يىلدا خاتىرىلەنگەن ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ دۇنياۋى تەسىرىگە شاھىت بولدى.

    5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى كېنىيەنىڭ نايروبى جەنۇبىي ۋوگزالىدا گۈدۈك ئاۋازى ياڭراپ، ھەممە يەرنى ئالقىش ساداسى قاپلىدى.

    بۇ دۆلەتتە 100 يىلدىن بۇيان ياسالغان تۇنجى تۆمۈر يول ‹‹مومباسا – نايروبى تۆمۈريولى››دىكى تۇنجى پويىز شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئاستا – ئاستا يولغا چىقتى. جۇڭگو ئۆلچىمى، جۇڭگو تېخنىكىسى، جۇڭگو جابدۇقى بىلەن ياسالغان بۇ زامانىۋى تۆمۈريول ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرماقتا.

    رەئىس شى جىنپىڭ پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن سۆھبەتلەشكەندە جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تومۇرداش ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسىغا جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچىسى مۇجەسسەملەنگەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، گۈللىنىشكە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچىسى مۇجەسسەملەنگەن.

    بەش يىلدىن بۇيان، 2014 – يىلىدىكى APEC بېيجىڭ يىغىنىدىن 20 دۆلەت خاڭجۇ باشلىقلار ئۇچرىشىشىغىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىغىچە... جۇڭگو لايىھەسى دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ كۆپ مەنبەلىك يولىغا ۋە ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ گۈللىنىشىگە يېڭى ئىلھامبەخش ئەتتى. جۇڭگو ئارزۇسى دۇنيا ئارزۇسى بىلەن ماس قەدەمدە راۋاجلىنىپ، تەڭ جىلۋە قىلغۇسى.

    ئەنگلىيە ‹‹48 گۇرۇھ›› كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بېننېت مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىرقى جۇڭگو بۇ ئارزۇغا تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتى، ئۇ دەل دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختى. جۇڭگو ئارزۇسى دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ.

    جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش زەپەر مارشى ياڭرىتىلدى: بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، 100 يىللىق گۈللىنىش دەۋرىنىڭ سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش

    يېڭى دەۋر بۇرغىسى چېلىنىپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىشقا تۈرتكە بولدى؛ ئارزۇغا يېتىش يېڭى سەپىرىدە زەپەر مارشى پەلەكتە ياڭرىتىلدى.

    بەيياڭدىيەن كۆلىنىڭ بويى، خېبېي شيۇڭئەن رايونى، يېڭى رايون باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى 19 – قۇرۇلتايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۇدا توققۇز سائەتتىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ، توختىماي ئىشلىدى. شيۇڭئەن يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ باۋلىڭ مۇنداق دېدى: قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىمىز.

    فېيخې دەرياسى بويىدىكى جۇڭگو پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خېفېي مىكرو ئۆلچەم ماددا ئىلمى دۆلەت تەجرىبىخانىسى، ‹‹موزى ›› ناملىق كىۋانت ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئالىمى پەن جيەنۋېي پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ جىددىي تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشپ كەتكەنىدى. ئۇ: جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايىنىش كېرەك، بىز ھازىر ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىۋاتىمىز، دېدى.

    پۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا 19 – قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ دۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۇلۇغ دەۋرگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك.

    قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىندى، يېڭى كەيپىيات يېڭى نەتىجىگە تۈرتكە بولدى. ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىدە ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇغا يېتىش مارشى ياڭرىماقتا.

    100 چاقىرىم يولنىڭ 90 چاقىرىمىنى بېسىپ بولغانلىق، تېخى يېرىمىنى بېسىپ بولغانلىقتۇر.

    جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگەردى، بىرىنچى 100 يىللىق نىشانغا يېتىشكە ئۈچ يىلمۇ ۋاقىت قالمىدى، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى 15 يىل بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

    ئارزۇيىمىز ئالدىمىزدا، بۇرچىمىز زىممىمىزدە، جەزمەن باشتىن – ئاخىر سەگەك، سالماق بولۇشىمىز كېرەك.

    ‹‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا – دۇمباق چېلىش بىلەنلا، ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ھازىرلىنىشى شەرت››. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بۇ سۆزنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭقۇر.

    ___ ئۇلۇغ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش شەرت.

    تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولمىغان، يېتەرلىك بولمىغان بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى ھەل قىلىنمىدى؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە تېخى نۇرغۇن كەمتۈكلۈك مەۋجۇت؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش زۆرۈر؛ ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش يەنىلا مۇرەككەپ؛ بەزى ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە زور سىياسەت، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش زۆرۈر؛ پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىدا يەنە نۇرغۇن ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت...

    يېڭى ئۇزۇن سەپەردە ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇۋېرىشى ناتايىن.

    ئۇلۇغ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئارزۇنىڭ قۇدرىتىنى ھەرىكەتتىكى ئاڭلىقلىق ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    قانداق قىلغاندا ئارزۇغا يەتكىلى بولىدۇ؟ قىيىنچىلىقنى يەڭگەندىلا ئارزۇغا يەتكىلى بولىدۇ.

    لياۋنىڭ شېنياڭ ئىستانوك گۇرۇھىنىڭ سېخى قىش كىرىشى بىلەنلا قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى. ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن تەركىب تاپقان ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى ‹‹I5›› تىپلىق ئەقلىي ئىستانوكتىن پايدىلىنىپ، بۇلۇت سۇپىسىدىن زاكاز قوبۇل قىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، غەيرىتى تولۇپ تاشقانىدى.

    گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرى گۇەن شىيۇ مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، زىممىمىزدىكى يۈك ئېغىر بولۇش، قەرز نىسبىتى زىيادە يۇقىرى بولۇشتەك قىيىنچىلىقنى يەڭسەك، كارخانىمىز چوقۇم قايتىدىن گۈللىنىدۇ.

    قانداق قىلغاندا ئارزۇغا يەتكىلى بولىدۇ؟ جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئارزۇغا يەتكىلى بولىدۇ.

    قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى، كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت مەركىزى، مەدەنىيەت مەيدانى، مۇچ بازىرى... ۋۇمېڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان يۈننەن ئۆلكىسى چۈجىڭ شەھىرى خۇيزې ناھىيەسىنىڭ تولو كەنتىدە گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

    كەنت ئاھالىلىرى بىلەن يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ يەر ئېلىش مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ بولۇپ ئەمدىلا قايتىپ كېلىپ، يەنە تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتىدىكى مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ لىن يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

    ليۇ لىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا 2020 – يىلى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا سەپەرۋەر قىلىندى، ھازىر كەنتتە يەنە 160 نامرات ئائىلە بار. ۋاقىت ناھايىتى قىس، چوقۇم ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىز كېرەك.

    ____ ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىش شەرت.

    خېبېينىڭ جېڭدىڭ، تايۈەنجۇاڭ كەنتىدە قىشتىمۇ قۇياش ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى.

    ‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغۋار نىشاننى بېكىتتى، بىزمۇ كىچىك نىشاننى بېكىتىشىمىز كېرەك››. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، تايۈەنجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يىن جىپىڭ كەنتكە قايتىپ كېلىپلا، دەرھال كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بەنزىسى بىلەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بەنزىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، ‹‹باشلامچىلار›› قوشۇنىنى كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىشىگە باشلامچىلىق قىلىپ، 2020 – يىلىغىچە كەنتتىكىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئەۋزەللىك، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەڭ كۈچلۈك كاپالەت.

    خېنەننىڭ لوياڭ شەھىرىدە، فۇنيۇشەن تاغلىق رايونىدا ‹‹پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېزا – كەنتلەردە نامايان قىلىش›› پىلانى ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشماقتا.

    پۇقرالار مۇنداق دېدى: پارتىيە ياچېيكىسى بايراقنى نامايان قىلدى، تەشكىلىي تۇرمۇشتا قائىدە نامايان قىلىندى، پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگە بولۇپ سالاھىيىتىنى نامايان قىلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى بازىسىدا ئوبراز نامايان قىلىندى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، پارتىيە ئىچىدىكى غەمخورلۇق قەلبلەرنى ئىللىتتى. ‹‹تۆتنى نامايان قىلىش، ئىككى ئىللىتىش›› ئارقىلىق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رولى نامايان بولدى، ئەتراپتىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئوبرازىمۇ نامايان قىلىندى. چاقناپ تۇرغان پارتىيە بەلگىسى كۆزنى ئەڭ قاماشتۇرىدىغان نامايەندىگە ئايلىنىپ، يېزا – كەنت كوچىلىرىنى نۇرلاندۇردى.

    مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شىن مىڭ مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇلارنىڭ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى قەتئىي تەۋرەنمەي تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، پارتىيەنى باشتىن – ئاخىر بىزنى يېتەكلەپ جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشتىكى تايانچ ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى قىلىشىمىز كېرەك.

    ___ ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت.

    ئامېرىكا ‹‹دەۋر›› ژۇرنىلى ئاسىيا نەشرىنىڭ 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى سانىنىڭ مۇقاۋىسىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا سىمۋول قىلىنغان قىزىل، سېرىق رەڭلىك تەگلىككە خەنزۇچە، ئىنگلىزچە قىلىپ ‹‹جۇڭگو غەلىبە قىلدى›› دەپ يېزىلدى. بۇ، ‹‹دەۋر›› ژۇرنىلى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان مۇقاۋا مەزمۇنىنىڭ تۇنجى قېتىم خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئىككى خىل يېزىقتا ئىپادىلىنىشى.

    ماقالىدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ھازىرقى جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمى 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارا سىستېمىغا رەھبەرلىك قىلغان غەرب ئەندىزىسىدىنمۇ مۇكەممەل، ھەتتا تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل داۋاملىشىدۇ، دەپ قارالدى.

    ‹‹جۇڭگو غەلىبە قىلدى›› دەپ يېزىشنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟ بۇنىڭ جاۋابىنى دېمىسىمۇ چۈشىنىشلىك.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىزم__پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى بارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسى، بۇ دەل مۇشۇ ئۇلۇغ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مىسلىسىز پارلاق كەلگۈسىنى نامايان قىلدى.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش __ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى.

    گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا سۇنغان دوكلاتىدا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، كۆللەردە كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىنىقىنى كېڭەيتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر سوت قىلىش ساھەسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش... ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلىك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 – يىغىنىدا 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئون نەچچە ئىسلاھات لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

    بايراق يولنى بەلگىلەيدۇ، يول يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ، يۆنىلىش تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ.

    بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى خەن جېنفېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹تۆت ئۇلۇغ›› جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىم رەھبەرلىك قىلىدۇ؟ قايسى يول، قانداق روھىي ھالەت بىلەن جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئاللارغا چوڭقۇر جاۋاب بەردى. بۇ دەل سىياسىي ئىرادىنى ساقلاش، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت.

    دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلدى، ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، تارىخ سەھنىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، ئەسىر سىمفونىيەسىنىڭ مېلودىيەسى تېخىمۇ جاراڭلىق ياڭرىدى.

    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈگىمەس كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش دولقۇنى كۈتۈۋېلىنماقتا!

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368023021