سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىئەن-چېڭدۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا 6-دېكابىر قاتناش باشلىنىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-04

    2-دېكابىر، CRH3A تىپلىق ئوقپويىز گورۇپپىسىدىكى قىسمەن پويىزلار جۇڭگو تۆمۈريولى چېڭدۇ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ چېڭدۇ ئوقپويىز ئوچاستىكىسىدا توختىتىلماقتا. بۇ پويىزلار شىئەن-چېڭدۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسىدە رەسمىي ئىشلىتىلىدۇ.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 3-دېكابىر جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6-دېكابىر شىئەندىن چېڭدۇغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى چىنلىڭ چوققىسىدىن ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، شۇنداقلا 4G سىگنالى پۈتۈنلەي قاپلىغان تاغلىق رايون يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، تۆمۈريول تارماقلىرى 3-دېكابىر سائەت 18:00دىن باشلاپ شىئەن-چېڭدۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىغا ئالاقىدار بېلەتلەرنى سېتىشقا باشلايدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367999221